بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ezimet7102 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-17 00:33
تىلىمىز قاچان قېلىپلىشىدۇ؟
شىكىسپېر ئەنگىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئېنگىلىز تىلىغا ئاساس سالغۇچى، دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈف خاس ھاجىپ، نەۋائى قاتارلىق ئالىم، ئەدىبلىرىمىز ھەم ئۆز مىراسلىرى بىلەن زامانىمىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسچىلىرىدۇر! 19- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە داۋام ئەتكەن ئۇيغۇر تىلى- ئەجدادلاردىن بىزگە ئۇلاشقان ئۇيغۇرچە يازىق ۋە ئۇيغۇرچە تەپەككۇرنىڭ دەلىلىدۇر!
19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ئۇيغۇر تىلىنى تەشكىللىك قېلىپلاشقا ئىمكانىيەت بولدى."كونا"نى چۆرۈپ، "يېڭى"نى تىكلەش قىزغېنلىقى تىل تەتقىقاتى جەھەتتە ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ھەم يوقاتتى. كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇرغان تەرىپى، ئۇيغۇر تىلى "ئەسلى"دىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر يۆنىلىشكە تەرەققى قىلدى. بۇ جەرياندا، تىلىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى: ئۈزۈك تاۋۇش ئاجىزلاپ (ئەمەلىيەتتە، ئۆزگىرىپ)لا قالماستىن، سوزۇق تاۋۇشلارمۇ ئاجىزلاشتى(ئەمەلىيەتتە، ئۆزگەردى). "ئىزاھلىق لۇغەت"نى ئۆزئىچىگە ئالغان نۇرغۇن لۇغەتلەر تۈزىلدى. تىلىمىز كۆپ قېتىم"قېلىپ"لاشتۇرۇلدى. ھالا بۇگۈن قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر تىلى"قېلىپسىزلىق" دەردىدە ئىڭرايدۇ...
نېمەئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش شۇنچە تەس؟ بۇسوئالغا تىلشۇناسلار جاۋاب بەرسۇن. مەن ئانا تىلنى ئىشلەتكۈچى بىر ئۇيغۇر سۈپىتىدە ھېس قىلغانلىرىمنى دەرد قىلىپ تۆكتۈم،خالاس.
1.تاۋۇشلارنىڭ "ئاجىزلىشىشى" (1)مەكتەپتە ئوقۇغاندا مۇئەللىم شۇنداق ئۆگەتكەن: ...دا، "ئا، ئە" ...دا"ئې"غا ئاجىزلىشىدۇ... مەسىلەن:باش- بېشى، قاش- قېشى، ئەر- ئېرى، يەر- يېرى... ئۈزۈك تاۋۇشلار: كىتاپ- كىتاۋىم (يازمىچە، "كىتىپىم")، مەكتەپ- مەكتىۋىم(يازمىچە، "مەكىتىپىم")
ئاجىزلىشىش بىلەن ئۆزگىرىشنىڭ پەرقىنى تىلشۇناسلىرىمىز بىلمەيدۇ، دىسە، ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. لىكىن "ئۆزگىرىش" ھازىرغىچە "ئاجىزلىشىش" دىگەن يالغان قالپاقتىن قۇتۇلالمىدى. بۇ يەردە تاۋۇش (ھەرپ) باشقا تاۋۇش (ھەرپ)كە ئۆزگىرىدۇ. نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈمىدىمىزنى ئىلكىدە تۇتقۇچى تىلشۇناسلار بۇ يالغانچىلىققا شۇنچە ئۇزۇن يىل سۈكۈت قىلدى؟ بۇ خىل چىدامچانلىق ئۇلارغا نەدىن كەلدى؟
(2)كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەرپ ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى بىزگە ئايان. "...ئىككى ئەزىز مەخدۇمزادەنى بويۇنلەرىغە كۆتەرىپ... " - تەزكىرەئى ئەزىزان (مۇھەممەد سادىق قەشقەرى).
ئۇنداقتا، زامانىمىز تۈركىي مىللەتلىرى تاۋۇشلارنى ئۆزگەرتمەي داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، بىزنىڭ ئۆزگەرتىشىمىز قايسى زۆرۈرىيەتتىن بولغان؟
2.تىلىمىزدىكى مالىمانچىلىق "يە"ئوزۇقلىنىشنى ئىپادىلەيدىغان سۆز. ئۇنىڭ ھەركەتنى بىلدۈرىدىغان شەكلى ئىستىمالىمىزدا "يېيىش" ياكى "يىيىش" دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. يەككە كەلگەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ سۆز تومۇرىنى ئىزدىسەك، "يە" (ئاش يىمەك) ۋە "ياي" (غۇلاچنى يايماق) بولىشى مۈمكىن. بۇنداق مىسالنى ھەركىم ئويلانمايلا ئېيتىپ (ئايتىپ) بېرەلەيدۇ. بۇ مالىمانچىلىق ئاتالمىش "تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى"دۇر! بۇ يەردە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، دەل مۇشۇ ئۆزگىرىش تۈپەيلى، ئېملا خاتالىقىدىن ساقلىنىش مەيلى تىلدا، مەيلى يازىقتا، ئەمەلگە ئاشمىدى. ئۇيغۇر يازىقىنى ئۆلچەملىك يازىدىغانلارنى ئىنتايىن ئاز! زىيالىلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ئەلۋەتتە.
3.چەتئەل ئات- ناملىرى تىلىمىزدا ھەر خىل يازىلىدۇ. ياۋرو- ئامېرىكانلاردىكى كىشى ئىسمى George نىڭ تىلىمىزدىكى تەلەپپۇزى"گېئورگى"، "جورجى"، "جوج" دەپ 3 خىل ئېلىنىۋاتىدۇ. ماركىسىزمنىڭ ئىجادچىسىنى "ماركىس" دەپ، ئوخشاش ئىسىم باشقا كىشىگە كەلگەندە، ماكىس دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. بېنگال دىگەن دۆلەتنى خەلقىئارادا باگىلادىش، سومالىنى سومالىيە، گوللاندىيەنى نېدىرلاندىيە... دەيدۇ. چەتئەل ئات- ناملىرىنى خەت بويىچە (ئۇيغۇر لاتىن يازىقى ياكى يېڭى يازىق) بويىچە تەلەپپۇز قىلامدۇق ياكى شۇ مىللىي تىلدا ئوقۇلىشى بويىچىمۇ؟ بۇنىڭغا ھازىرغىچە جاۋاب يوق!
تىل-يازىق كومېتىتىدىكىلەرنى بەك ئالدىراش دەپ بىلىمەن(نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىسەممۇ). لىكىن، ئانا تىل ئۈچۈن ئىچى سىقېلغان كىشىلىرىمىز قۇربى يېتىشىچە، "كومتېت"نىڭ چولىسى تەگمىگەن ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئىسىم ياساۋاتىدۇ، ئاتالغۇ تۈزىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋاتىدۇ، ئېجاد قىلىۋاتىدۇ...، بۇنداق كىشىلەركۆڭۈلنى سۆيۈندۈرىدۇ.
بۇمىنىڭ ئالا- جوقا خىياللىرىم، ئىلمىي ئەمگەك دەرىجىسىدە ئەمەس. كاللامغا نىمە كەلسە شۇنى يازدىم. بىرسىنى ئەيپلەشنىمۇ ئويلىمىدىم. بىلمىگەنلىرىمگە سوئال قويدۇم. ئالدى- كەينى باغلىنىش، سەۋەب- نەتىجە دىگەنلەرگىمۇ پەرۋا قىلمىدىم. تۇنجى يازمام بولغاچ، خاتالىق بولىشى تەبىئى. كۆرسۈتۈپ بەرگەنلەدىن مىننەتدار بولغايمەن.
|