- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5035
- نادىر
- 0
- يازما
- 486
ئۆسۈش
0.7%
|
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت، تىلىمىزنى قېلىپلاشتۇرۇپ سۆز ئىبارىلەرنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ،ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىمىزدە بولۇپمۇ ئىلىم پەن ساھەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان زورۈر ئامىل بولۇپ قالدى. تىلىمىز تەرەققىي قىلمىغۇچە بىز تەرەققىي قىلالمايمىز.
جەميەتتە كىشىلەر ئارىسىدا بىرەر نەرسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىپادىسىنى تاپالمىسا ئىزدەپ يۈرمەيلا باشقا تىلدىكى ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىدىغان ئادەت ئەۋجەپ قالدى. ئاشخانىدا ‹قوشچۆپ› نى دىيەلمەي ‹جامەن›، ‹بىريۈرۈش› دىيەلمەي ‹يىتو› ، ‹تۈكچە› دىيەلمەي روسچىدىكى ‹چوتكا› دىگەندەك سۆزلەرنى زورمۇ زور ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز.
(ئەسلىدە چوتكا دىگەن سۆز روسچىغا ئۇيغۇرچىدىن كىرگەن)
ھەرھالدا ئاپتونوم رايۇنلۇق تىل يىزىق كومتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن بەزى بىر ئاتالغۇلىرىمىز ساپ ئۇيغۇرچىغا قېلىپلاشتى: ‹ئاخپارات ۋاستىسى› دىگەننىڭ ئورنىغا ‹تاراتقۇ› ، ‹خاقان› نىڭ ئورنىغا ‹قاغان›، ‹خودا› نىڭ ئورنىغا ئەسلىسى بويۇنچە ‹ئاللاھ›،‹ياراتقۇچى› قاتارلىق بىرتۈركۈم ياخشىلنىشقا قاراپ مىڭىۋاتقانلىقى كىشىنى سۆيۈندۈردۇ.
قاراخان تىلى، ۋە ئىدىقۇت، تۇرپان، ئورخۇن تېكىستلىرى بىزنىڭ ئاتا بوۋلىرىمىز بەرپا قىلىپ دۆلەت باشقۇرغان تىللار. مەخمۇت بوۋىمىز بۇگۇنكىدەك دەۋىرنىڭ بولىدىغانلىقىنى خۇددى ئالدىن بىلگەندەك ، ئالەمشىمول تىل لوغىتىنى قالدۇرۇپ كىتىپتۇ.بىز بۇنداق تەييار ئۇيغۇرچە لوغەتنى نىمىشقا ئىشلەتمىگۈدەكمىز؟
تۈركىيەلىكلەر دىۋاندىن، تۇرپان تېكىستلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز تىلىنى خەلقارالىق تىل سەۋيەسىگە كۆتۈرىۋالدى. ئىلىم پەن ساھەسىدە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا شۇ قېدىمقى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ. تىخى ھازىرقى تۈرۈكچە ئۇيغۇر تىلىدەك باي تىل ھىساپلانمايدۇ. مەسىلەن: قوغۇننىڭ كىچىگىنى ئۇيغۇرچىدا سويما ياكى چىلگە دەيدۇ. تۈرۈكچىدە كىچىك قوغۇن دەيدۇ. بىرتۇققان قىرىنداشنى ئۇيغۇرچىدا ئىنە، سىڭىل دەپ ئايرىم ئاتالغۇ بىلەن ئىپادىلەيدۇ.تۈرۈكچىدە قىز قىرىنداش، ئەركەك قىرىنداش دەپ ئىپادىلەيدۇ. يەنى ئۇيغۇرچىدەك ئىپادىلەش كۈچى مول ئەمەس.شۇنداق تۇرۇغلۇقمۇ تۈرۈك تىلى ھازىر خەلقارا ئۆلچەملىك تىل.
بىز قاچانغۇچە قېلىپلاشتۇرمايمىز؟ چەتئەل تىلىدىكى ھەممە ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى بار. پەقەت ئىشلىتىپ ئۆزلەشتۇرۇشلا قالدى. |
|