- تىزىملاتقان
- 2012-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5699
- نادىر
- 0
- يازما
- 450
ئۆسۈش
  13.98%
|
masturam يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 20:23 
بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئۇزۇن يىللارغىچە چىقمى ...
يېڭى شەيئىلەر مەيدانغا كەلسە ، ئۇنىڭغا ماس ئاتالغۇلارمۇ بارلىققا كېلىدۇ ، خۇددى ‹‹ ئۈندىدار ، مۇڭداشقۇ ›› يانفۇن ›› دېگەندەك ، بىزنىڭ تىلىمىزمۇ باي تىل ، يېڭى شەيئىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ يېڭى ئاتالغۇلارمۇ مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ ، بۇ تىلىمىزنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرىدۇ .
بەزى ئاتالغۇلارنى چەتئەلچە ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاشقا كەلسەك ، ھەرقانداق بىر تىل ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا باشقا مىللەت تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، بۇ نورمال ئەھۋال .
قەدىمقى زاماندىمۇ شۇنداق بولغان ، ئورخۇن خانلىقى دەۋرىدە ئەجداتلىرىمىز ئىشلەتكەن تىل باشقا تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ساپ تىل ئىدى ، كېيىنچە مىللىتىمىزنىڭ خىلمۇ خىل دىنلارنى قوبۇل قىلىشى ، خىلمۇ خىل مەدىنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى نەتىجىسىدە تىلىمىزدا باشقا مىللەت تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بارغان ، ئۇزۇن يىللىق تەرەققىيات نەتىجىسدە مۇكەممەللىشىپ ، قېلىپلىشىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن . |
|