قەدىمىي كىتابلىرىمىزنىڭ تەقدىرى ھەققىدە خىياللار
- مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
ئابلېز ئورخۇن كىتابنى كۆرمەكتە
2014-يىلى8-ئاينىڭ باشلىرىدا نەۋرە ئاكام تېلېفۇن قىلىپ، يېقىن ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىدە بىر قەدىمىي كىتابنىڭ بارلىقىدىن ئۇچۇر بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ھېچكىم بۇ كىتابنى ئوقۇيالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇ كىتاب ئىگىسىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى ئېلىۋېلىپ 8-ئاينىڭ13-كۈنى چۈشتىن كېيىن تېلېفۇن قىلدىم. ئارلىقتا مەركىزى مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۈرۈمچى باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان تارىخچى ئابلېز ئورخۇن، قومۇل ئەدەبىيات ژورنىلىدىكى ئۇچقۇن راخمان، كۆكنۇر شېركىتىنىڭ لىدىر داۋۇت ئوبۇلقاسىم قاتارلىقلارمۇ بۇ خاسىيەتلىك دەملەرگە شاھىد بولدى. كىتاب ئىگىسى بىلەن ئۇچىرىشىپ قولىمىزغا كىتابنى ئالغاندا ۋە ئابلېز ئورخۇن ئەپەندىمنىڭ كىتابنىڭ تىلى، يېزىقى ۋە مەزمۇنىدىن بىزنى خەۋەردەر قىلغىنىدا نەق مەيداندىكى ھەممىمىز قاتتىق ھاياجانلاندۇق. كىتاب پارىسى يېزىقتا يېزىلغان تىبابەت كىتابى بولۇپ، دورىلارنىڭ يەككە نامى ئارىلاپ تۈركى، پارىسىي، يۇنانى، ئىسپىھانى، ھىندىچە ئاتىلىشى بېرىلگەن.مەزمۇنىدىن قارىغاندا كىتابنىڭ ئېراندا يېزىلغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىكەن. يەنى كىتابقا مەجىد ئىبىن ھەمىد، شەبان ئىبىن خاكىر، ئابدۇللا (ئابدۇللارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تامغىسى بېسىلغان) قاتارلىق شەخسىلەرنىڭ تامغىلىرى بېسىلغان. پۇچىركىسى ئوخشىمىغان ئۈچ خىل قەلەمدە كىتابنىڭ يان گىرۋەكلىرىگىمۇ قىسمەن رىتسىپلار يېزىلغان. شەبان ئىمىن خاكىر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قومۇلدا ياشاپ ئۆتكەن چوڭ ئۆلىما بولۇپ، ئۆمرىدە نۇرغۇن كىتاب ساقلىغانلىقى، مالىمانچىلىق قاچ-قاچ زامانلىرىدا نۇرغۇن كىتابلارنى كۆمۈپ قويغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. يېقىنىقى يىللاردا قومۇلدا نامان قازى ئاخۇنۇمدىن قالغان ئوسمانلىچە بىر تىببىي قوليازمىنىڭ بايقىلىشى قومۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە يۇرتىمىزدا تۈركىي، پارىس، ئەرەبچە كىتابلارنىڭ ناھايتى كەڭرى تارقالغانلىقى، ۋاڭلىق دەۋىردىكى مائارىپنىڭ ھازىرقىدىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەپ ھەر ئىككى كىتاب قومۇلدا مۇنبەردىن چۈشمەي سائەتلەپ سۆزلىيەلەيدىغان ئاتالمىش موللىلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلغىنىدا كىتابنىڭ قايسى تىل ۋە قايسى يېزىقتا يېزىلغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرىپ بېرەلمىگەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىز 50 يىلنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابلاردىن بىمالال پايدىلىنىپ كەلگەن ئىدى.
پارىسىي قوليازمىنىڭ باش بېتى
مانا مەن تىل-يېزىق، قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتقىلىمۇ 15 يىل بوپتۇ. مۇشۇ 15 يىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارنىڭ ئۇچىرىغا ئېرىشكەن بولساقمۇ ئۇلارنى كۆرۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالمىدۇق. 2001-يىلى ئاراتۈرك قوشقۇدۇق دېگەن يەردىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان كۆنتاشلىق زەرلىك كىتاب 800يۈەنگە سېتىۋېتىلىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان پېتىمىز قالدۇق. 2004-يىللاردا ئاقتاشنىڭ يولى ياسىلىۋاتقاندا توشو داۋان ئەتىراپىدىن كىگىزگە ئورالغان بىر پاچە كىتاپنى بىر خەنزۇ ئىشلەمچى تېپىۋېلىپ ئېلىپ كىتىپتۇ، بىر مالچى 8 قوي بەرسىمۇ بەرگىلى ئۇنىماپتۇ. يەنە نۇرغۇنلىغان كېپەن ئوغرىلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يېزىلغان قەغەز، زىبۇ-زىنەت، نەرسە-كېرەكلەرنى ئۆزگە مىللەتلەرگە سېتىۋەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىمىز تىتماتالاڭ بولۇپ كېتىدۇ. تېخى بىر قىسىم پىشقەدەم، داڭدار يازغۇچى، تارىخچى زىيالىيلىرىمىزنىڭ قەدىمىي تەۋەرۈك كىتابلارنى مىڭ بىر بالا قازالاردىن قۇتۇلدۇرۇپ بىزگىچە ساقلاپ كەلگەن بىچارە دېھقانلىرىمىزنى ئالداپ، ئالدانمىسا تەھدىت سېلىپ يۈرۈپ كىتابلىرىنى تارتىۋالغان ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتىمەن. ئۇ داڭدارلىرىمىز يىغىۋالغان كىتاب، قوليازمىلارنى كۆتتىگە بوسۇرۇۋېلىپ، ھېچكىمگە كۆرسەتمەي زادى نىمە قىلماقچى؟! تېخى ئالدىنقى يىلى خوتۇنسۇمۇل(خاجىڭ)دىن ئۈچ پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتاب تېپىۋالغان كېپەن ئوغرىلىرى خۇيزۇ كىپەن يىغىدىغان قانۇنسىز سودىگەرلەرگە 16 تۈمەن يۈەنگە سېتىۋېتىپتۇ ، دەپ ئاڭلاپ غەزەپتىن پۈتۈن بەدىنىمنى تىتىرەك بېسىپ كەتتى. نەچچە مىڭ يىللار پىنھاندا تۇرغان قىممەتلىك ئۈچ پارچە كىتابىمىز شۇنداق قىلىپ ياتلارنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ كەتتى...نامراتلىق، مۇھتاجلىق، ئەخلاقسىزلىق، نادانلىق بىزنى يەنە نىمە قىسمەتلەرگە يولۇقتۇرار؟!
ئوڭدىن: بۇرھان، موسا، ئابلەت ئەپەندىم، يۈنۈس ئىبراھىم، بۇرھان مۇئەللىم
2012-يىلى قومۇل شەھىرى تەڭرىتاغ يېزىسى نېرناسى كەنتىدىن قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىقتا يېزىلغان بۇددا دىنىغا ئائىت<< مايتىرىسىمىت>> ناملىق كىتابنىڭ نەچچە يۈز پارچە تىتىلىپ كەتكەن ياپراقچىلىرى تېپىلدى. بۇ كىتابنى تاپقان سۆيۈملۈك ئەزىمەتلىرىمىز نېرناسىلىق بۇرھان، ئاقنۇر، موسا ۋە كىتاب ياپراقچىلىرىنى نەچچە يىللار ساقلاپ كەلگەن ياربۇلۇڭ مەكتەپتىكى ئاقكۆڭۈل ئوغلان بۇرھان مۇئەلىم قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ خەلىقئارادا يېڭى بايقاش، يېڭى مەنبە يوقلىقىدىن توختۇتۇلۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەتقىقاتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن. مايتىرىسىمىتنىڭ نېرناسى نۇسخىسى 1956-يىلى نېرناسىغا قوشنا كەنت تۆمۈرتىدىن تېپىلغان مايتىرىسىمىتنىڭ يوقالغان قىسمى بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟! نېرناسى نۇسخسىنىڭ تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرەزلەر بىلەن تولۇقلاپ قويۇلغان تۆمۈرتى نۇسخىسى ھەقىقى مۇكەممەللەشتى. گېرمانىيە گۆتتىنگىن ئۇنۋېرسىتى ئوقۇتقۇچىسى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ گېرمانىيەلىك داڭلىق ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى پىشىۋا ئۇستازى خەلقارالىق يىغىندا:- مايتىرىسىمىتنىڭ نېرناسى نۇسخىسىنىڭ تېپىلىشى خۇددى خىرىستىيانلار دۇنياسدىن تېخىچە تېپىلمىغان يەنە بىر ئىنجىل قوليازمىسىنىڭ تېپىلىشىدىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە دەپتۇ. دېمەك، بىز كۆزگە ئىلمىغان ئاشۇنچىلىك كىتابلارنىڭ بۇزۇلغان ياپراقچىلىرى ئىلىم ئەھلى ئۈچۈن تۇتىيا ئىكەن. ئەمىسە ئۇشبۇ يېزىقنىڭ ھەقىقى ۋارىسلىرى بولغان بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزدىكى قىممىتىنى زادى قانداق مۆلچەرلىسەك بولغۇدەك؟!
مايتىرىسىمىت نېرناسى نۇسخىسى تېپىلغان ئۆڭكۈر
مايتىرىسىمت ياپراقچىسى
ئەڭ ئاخىرىدا قولىدا ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان تەۋەرۈك كىتابى بارلارنىڭ پۇل ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك ئالدىراپ سېتىۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىپ ۋە نادان كىپەن ئوغرىلىرىنىڭ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبرىلىرىنى قالماقنىڭ دەپ قېزىپ، سېتىپ تۈگىتىۋەتمەسلىكىنى، ئىنسابىنى تېپىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ يازمامنى تامالايمەن. بەلكىم سىز سېتىۋەتكەن كىتاب بىزگىچە ئۇلانمىغان قاراڭغۇ تارىخلىرىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن...ئۇنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈزىنى مەڭگۈ يورۇق قىلىۋېتەلىشى ھەم مۇمكىن. چۈنكى ھازىر ئۆزلىرىنى مەدەنىيەتلىك دەپ ساناۋاتقان روسلار چېغىدا ئىپتىدائىي ئورماندىن چىققىلى 1000 يىل بولغان بولسا، بىز ئۇيغۇرلار شەھەر قۇرۇپ، يېزىق ئىشلىتىۋاتقىلى نەچچە مىڭ يىللار بولۇپ كەتتى. ئەپسۇس، ئەتىراپىمىزدا سىزدەك مەسئولىيەتسىز كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك يادىكارلىقلىرىمىز ئۈن-تىنسىز غايىپ بولىۋاتىدۇ.
2014-يىلى9-ئاينىڭ3-كۈنى قومۇل
|