- تىزىملاتقان
- 2012-8-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1214
- نادىر
- 0
- يازما
- 41
ئۆسۈش
  21.4%
|
قەدىمكى كىتابلار ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەسئۇلى. ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، يىمرىلمەس پاكىتى. قەدىمكى كىتابلارنىڭ باھاسىنى پۇلغا سۇندۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. 2013-يىلى نىڭشادا ئېچىلغان جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى -مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قانتاشقاندا، قەشقەرلىك بىر تەتقىقاتچىمىز قەشقەردە خەلقنىڭ قولىدا ساقلانغان نۇرغۇن قوليازما كىتابلارنىڭ دىننى كىتاب دەپ قارىلىپ يەرلىك ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنى ئەسكى سامان دۆۋىسىدەك بىر ئۆيگە تۆكۈپ قويغانلىقىنى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى ئېيتقان ئىدى. خوتەندىمۇ ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى قۇشۇمچە قىلدى. بىرەيلەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، قەدىمكى ئەسەرلەرنى قېزىش ۋە رەتلەش ئورنىدىكىلەر كىتابلارنى كۆرۈپ ئىلمىي ئەسەرلەر بولسا، قايتۇرۇپ بېرىشنى، دۆلەتنىڭ قەدىمكى ئەسەرلەر ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىشنى ئېيتقان بولسىمۇ كارغا كەلمەپتۇ. بۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدى ئېلىنسا بولاتتى. قەدىمكى ئەسەرلەرنى دۆلىتىمىز قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋىي بايلىقى بولۇپ قالماستىن يەنە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ مۇھىم مەنىۋىي بايلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى. |
|