- تىزىملاتقان
- 2011-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3553
- نادىر
- 0
- يازما
- 112
ئۆسۈش
  51.77%
|
بىز ھەقىقەتەنمۇ قەدىمكى ئەسەرلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يەتمەيۋاتىمىز. ئۆزگە مىللەتلەر بولسا بۇنىڭدىن ئوبدانلا پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئالدىنقى يىلى كۇتۇبخانىمىزغا نىڭشيا ۋە چىڭخەيدىكى تۇڭگانلار قوليازما ساتىمىز دەپ كەلگەن ئىدى. خۇيزۇلارنىڭ تەۋەرۈك قوليازما كىتابلىرى دەپ ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. (ئاز بىر قىسىم چاغاتاي ئۇيغۇرچە ۋە پارىسچە، قالغانلىرى ئەرەبچە ئىكەن). بۇلار خىجىل بولماي نەۋايىنىڭ خەمىسەسىنىمۇ بىزنىڭ تەۋەرۈك كىتاب دەپ ئېلىپ كەپتۇ. كوچىلاپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ بۇ قوليازمىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ دىيارىمىزدىكى بەزىبىر ماڭقۇرتلارنىڭ قولىدىن سېتىۋېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇم. بەزىلىرىنى ھەتتا مىڭ يۈەندىنمۇ ساتالماپتۇ. بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نادانلىقىغا راستىنلا گەپ توغرا كەلمەيدىكەن. تۇڭگانلار بولسا بۇنداق قوليازمىلارنى ناھايىتى ئارزان سېتىۋېلىپ دۆلەتكە تۇڭگانلارنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرى تۇنۇشتۇرىدىكەن. دۆلەتتتىن نۇرغۇن پۇل ئالىدىغان گەپكەن، ھەم ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوقلا تارىخى يازمىلىرى بار قەدىمىي «مىللەت»كە ئايلىنىپ قالىدىكەن. بۇلارنى ئويلىسام يۈرىكىم ئېچىشىدۇ... |
|