- تىزىملاتقان
- 2011-6-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8126
- نادىر
- 0
- يازما
- 349
ئۆسۈش
  62.52%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۇرت بېشى مەڭلىك ئاكا : كەمىنە ئىنىلىرى ئى..........دىن 156ئائىلىگە ۋاكالەتەن سىلىگە سالام . ئائىلىلىرگە ئامانلىق ،خىزمەتلىرگە بەركەت تىلەش بىرگە يۇرتقا ئامان -ئېسەنلىك تىلەيمىز .
گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا قىلاي بۇيىل قومۇل شەھەر تەۋەسىدىكى << لۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى >> گە ( ئەسلىدىكى 2-باشلانغۇچ ) تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇيغۇر بالىلىرى 156 نەپەر بولۇپ بالىلار نەق ئوتتۇرىدىن يەنى 70 نەچچىدىن ئىككى سىنىپ قىلىپ ئايرىلغان بولۇپ ، ئوقۇش باشلاشنىڭ تۇنجى كۈنىلا مەكتەپ مۇدىرى ، شەھەر ۋىلايەت ئەرزىيەت قوبۇل ئورۇنلىرى شۇنداقلا مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن كۆرۇشكەن بولساقمۇ بىراق << بىز مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى ، ھازىر سىنىپ يوق ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق >> دىگەندەك تۇتۇرۇقسىز ،مەسئولىيەتسىز سۆزلەر بىلەن بىز نى يولغا سالدى . يولغا سالدى ئەمەس قوسىقى كوكىراپ ، ئىسسىققا چىدىمىغان بالىلىرىمىزغا بىز چىدىماي ئامالسىز قاغاش ، غەزەپلىرىمىز بىلەن قايتۇق .
بىلمىدۇق زادى نىمىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ،؟ نىمىنى ئويلىشىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن كۆلىمى 80 كۇدىرات مېتىرغا توشمايدىغان سىنىپقا 76 نارسىدىنى مەجبورى سولايدۇ ؟ بىز بالىلارنى مەكتەپكە بېرەمدۇق ياكى قاماققىمۇ ؟ نىمە ئۇچۇن بالىرىمىزنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكى ، سالامەتلىك ،يۇقۇملۇق كېسەللىك بىخەتەرلىكلىرىگە سۇ كەلمەستە توغان تۇتۇلمايدۇ ؟ نىمە ئۇچۇن موشۇنۇڭغا ئوخشاش قىسمەن نورمال يۇرۇشۇشكە تېگىشلىك ئىشلار قەستەنگە زىدىيەتنىڭ پىلتىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ ؟ نىمە ئۇچۇن تاپنىڭ قۇرۇتىدەك شۇنچىۋالا كۆپ رەھبەرنىڭ بىرىمۇ تېگىشلىك جاۋاپ بېرەلمەي << ئىت ئىتنى ئىشقا بۇيرىسا ئىت قوپۇپ قۇيرۇقىنى ئىشقا بۇيرۇدۇ >> .
مائارىپتىن ئىبارەت كىشىلەر كاللىسىدىكى ئەڭ پاكىزە ساھە نىمە ئۇچۇن 156 نارسىدە ھاياتى بىخەتەرلىكى بىلەن ئوينىشىدۇ ؟ |
|