- تىزىملاتقان
- 2011-1-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18143
- نادىر
- 0
- يازما
- 853
ئۆسۈش
  20.36%
|
بىر سىنىپتا 70نەچچە بالىنىڭ بىللە ئوقۇشى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسوسلىنىدىغان ئىش ، بۇنداق سىنىپقا ئايرىغاندا ئوقوغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ، ئۇنۇملۇك دەرس ئۆگىنىشى قاتتىق تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەلۋەتتە خەنزو مەكتەپلەردە ھەر بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 50- 60 ئەتراپىدا بولۇشى خېلى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى نورمال ئەھۋال ، بىراق ئۇيغۇر سىنىپلىرىدىكى بۇخىل ئەھۋال ئاز ئۇچرايدۇ. ئوقۇتۇش ئۈنىمىمۇ ئۇيغۇر - خەنزو مەكتەپلىرىنىڭ ئوخشىمايدۇ ، بۇنىڭدىكى سەۋەپلەرنى كۆپ تەرەپتىن تەھلىل قىلىش كېرەك .
1)يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ مىللىي مەكتەپلەر بىلەن خەنزو مەكتەپلەرگە بولغان كۆڭۇل بۆلۇش ، باشقۇرۇش ، يېتەكچىلىك قىلىش ئوخشاش ئەمەس.مەسىلەن :ۋىلايەت، شەھەرلىك مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدا مىللىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىنى چۈشىنىدىغان، ئۇلارغا كۆڭۇل بۆلىدىغان ، رەھبەرلىك قىلىش ، يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى كۇچلۇكرەك بولغان بىرەر ياخشىراق مىللى رەھبەر يوق . بولۇپمۇ شەھرىمىزنىڭ مىللى مەكتەپلىرىگە بولغان باشقۇرۇش ، كۆڭۇل بۆلۇش خېلى ئۇزۇندىن بۇيان تاشلىنىپ قالغان ھالەتتە،بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدە شەھەر بويىچە بارلىق خەنزو مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى باشقىدىن تولۇقلاپ، يېڭىلاپ تەرتىپكە سېلىپ ، يېڭى تەلەپلەر قويۇلغان بولسىمۇ بىراق شەھەر بويىچە بىرمۇ مىللى مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇستىدە ئويلىنىدىغان، تولۇقلايدىغان ياكى ئۇلارنى تەربىيلەيدىغان ئىش بولمىدى . يەنى يوقىرىدا دىيىلگەن « لۇنىڭ ئۇمىد باشلانغۇچ مەكتىۋى » مىللى - خەنزو ئارىلاش بولغان نۇقتىلىق مەكتەپ بولۇپ تۇرۇپ ، بىر مىللىي مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىدىن باشقا مىللىي رەھبەر يوق ، يەنى مەكتەپ مۇدىرى خەنزو ، بىر مىللىي مەكتەپ سېكىرتارىنىڭ ئورنى بولسا 2يىلدىن بۇيان قۇرۇق ، ئادەم سەپلەنمىدى. بىر نۇقتىلىق مەكتەپتىكى 7-8مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىۋىدىكى بۇ خىل پەرق ئەلۋەتتە مەكتەپنىڭ مىللىي ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە ئاز - تولا تەسىر قىلىدۇ !
2) مىللىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئولىيەتچانلىقى ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى خەنزو ئوقۇتقۇچىلارغا يەتمەيۋاتىدۇ. خىلمۇ -خىل سىياسەت ، تەدبىرلەردىن زارلىنىش كۆپ، ئۇيغۇنۇش ، ئىلگىرلەش كەم !
3)ھەر قايسى مىللىي مەكتەپلەرنىڭ شارائىت ، ئەسلىھەلىرى خەنزو مەكتەپلەرنىڭكىگە يەتمەيۋاتىدۇ ، بىرەر قۇرۇق ئىشخانا ، پائالىيەت ئۆيلىرىدىن بىرىدىن ۋاز كېچىپ سىنىپنى تولۇقلاش ، نۇرغۇن بىكار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۇچىدىن تولۇق پايدىلنىش ، بىر بولسىمۇ ئازادە بولغان سىنىپ مۇھىتىنى كۆپەيتىش كېرەكمىكىن دەيمەن ، ئەلۋەتتە بۇ جەھەتتە يەنىلا پىشقەدەم رەھبەرلەر ۋە مائارىپچىلار بىر نىمە دىسۇن !
|
|