مائارىپىمىزدا سان بىلەن ئۈنۈم تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قېلىۋاتىدىغۇ تاڭ. بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار سانى قانچە ئاشقانسېرى سۈپەت شۇنچە تۆۋەنلەۋاتىدۇ. بىر سىنىپتا 70 بالىنى ئوقۇتۇش قانداقمۇ ئىلمىيلىك بولسۇن. بۇ جەھەتتە مائارىپ تارماقلىرى قومۇل « ئىقبال مائارىپى » ئوتتۇرىغا قويغان بىر سىنىپتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 18 لا بالا بولۇشتەك ئەندىزىنى راۋۇرۇس ئويلىشىپ كۆرسە بولغىدەك . بۇلارنىڭ قىلغىنى ئىلمىي تەرەققىيات نەزىرىيىسىگىلا ئەمەس، پېداگوگېكا قانۇنىيىتىگىمۇ قارشىلا بىر ئىش بوپتۇ . پېداگوگېنىڭ نىمىلىگىنى چۈشەنگەن مەكتەپ مۇدىرى بولغاندا ئىدى، ئەلبەتتە ئىش بۇنداق بولمىغان بولاتتى. ئەمما بۇ ئىشقا يۇرت باشلىرىمىز كۆڭۈل بۆلىدۇ، قاراپ تۇرمايدۇ دەپ ئويلايمەن .
|