- تىزىملاتقان
- 2014-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 180
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
  60%
|
بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭ بىر قانچە يىل ئاۋال بىر يۈرتدېشىمىزنىڭ يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشىنى ئالىملارغا تونۇتالماي ئاۋارە بولۇپ يۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئەپسۇسلىنىپ يازغان بىر تور ماقالىسىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. كېيىن سۈرۈشتە قىلسام ئۇ يۈرتدېشىمىز ئىنتايىن ئاددىي ئىلمىي ئۇسۇلى بولغان «ئۇيغۇر يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات ئۇسۇلى» نى مۇتەخەسسىسلارغا تونىتىمەن دەپ شەھەرلەردىن يۈز كېلومېتردەك يىراقتا بىر ئورمانلىق ئىچىدىكى بۇلاق بېشىغا كۆچۈپ كېتىپ يالغۇز كۈزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانمىش. بىر قانچە ئايدىن بۇيانقى كۈزىتىشىدىن بىلىشىمىزچە، مەلۇم يەر تەۋرەش بەلۋىغىدا 4 بالدىن ئارتۇق يەر تەۋرەش ئۈچ ئايغىچە، يەنى ئۆكتەبىر ئاخىرلىرىغىچە كۆرۈلمەيدۇ، دەپ ئېنىق ھۆكۈم قىلغانمىش. يەنى ئۇنىڭ ئالدىن مەلۇمات ئۇسۇلى 4 بالدىن تۆۋەن تەۋرەشتە سەزگۈرلۈكىنى يوقۇتۇپ قويارمىش. ئەگەر يەر تەۋرەش ئالامېتى 3-4 ئاي بۇرۇندىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغىنىدا كېچە-كۈندۈزلەپ ھەر سائەتتە بىر كۈزىتىش قىلىش ئارقىلىق يەر تەۋرەش پەيتىنى يېرىم سائەت ئېنىقلىقىدا ۋە يېرىم بال سەزگۈرلىكىدە 5-10 سائەت بۇرۇن ئۆلچىۋالارمىش. شۇنداق بولغىنىدا بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن خېلى چوڭ ياردىمى بولاتتىكەن. قانچە كۈچلۈك تەۋەيدىغان بولسا شۇنچە ئېنىق ئالدىن ئۆلچەش مۇمكىنمىش. ئاللاھ سەۋەبسىز ۋە ئالدىن شەپىسىز ھەرىكەت قىلىدىغان دۇنيا ياراتمايدىكەندە! |
|