- تىزىملاتقان
- 2014-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1661
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
  66.1%
|
بىلىمخۇمار ئاكىمىزدىن شۇنى سورىغۇم بار ، يەر تەۋرەشنى ئالدىن بىلىش ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگەنگە ئوخشىمايدۇ ، ھاۋارايىنىغۇ بۇلۇت خەرىتىسىگە ئاساسەن بىرنەچچە كۈنلۈك ياكى بىر ئايدىن كىيىنكى ھاۋارايىنى ئالدىن ھېسابلىغىلى بولىدۇ ، ئەمما يەر تەۋرەش يەرشارىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسى تۇرسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقايسى يەرقاتلاملىرى شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىكى يەر بۆلەكلىرىنىڭ مىخانىك كۈچىنىشچانلىقى ھەمدە كۈچكە ئۇچراش ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا سىلەر قانداق قىلىپ شۇ جايدا يەر تەۋرەيدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىسىلەر ؟ ۋەياكى لىتوسفېرانىڭ ئاستىدىكى يۇمشاق ئېقىم قەۋىتىنىڭ ئايلىنىش ، يۆتكىلىش ئەھۋالىنى بايقايدىغان تېخنىكىغا ئىگە بولۇپ بولدۇڭلارمۇ يا ؟ ۋەياكى مەلۇم بىر جاينىڭ پۈتكۈل لېتوسفىراسىنىڭ تولۇق بولغان 3 ئۆلچەملىك مودېل ئۇچۇرىنى تۇرغۇزۋالدىڭلارمۇ قانداق ؟ يۇقارقى تەتقىقات تېمىڭىزغا نىسپەتەن مۇشۇ بىرقانچە چۈشەنچەم ئېنىق بولمىدى . يەريۈزى شەكىل-ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى رەسىمگە تارتىش ئۇچۈن چوقۇم شۇ جايدا يەر تەۋرەيدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىش زۆرۈر،ئەمما خەلقئارادا يەرتەۋرەشكە نىسپەتەن ئالدىن مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنىڭ قانچىلىك سەۋىيىدە ئىكەنلىكى ماڭا نامەلۇم . |
|