- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14885
- نادىر
- 19
- يازما
- 608
ئۆسۈش
  12.21%
|
Pishamshan يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 20:36 
بىلىمخۇمار ئاكىمىزدىن شۇنى سورىغۇم بار ، يەر تەۋرەشنى ...
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
مېنىڭ كەسپىم يەر تەۋرەش ئىلمى ۋە جۇغراپىيە قاتارلىق كەسىپلەرگە ئانچە يېقىن ئەمەس. شۇڭلاشقا مەن يەر تەۋرەش ساھەسىدە چوڭقۇر ئىلمىي پىكىر قىلالمايمەن. مەن بۇ يەردە پەقەت ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي.
ئالەم تېلېسكوپى ئارقىلىق يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان يەر يۈزى دولقۇنىنى ئۆلچەش ئىشىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يەر تەۋرەش دەرىجىسى 4 بالدىن 7-8 بالغىچە بولۇشى كېرەك. بىر يەردە قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە، بەزىدە يەر ئالدىدا بىر قېتىم بوشراق تەۋرەپ، ئاندىن قاتتىق تەۋرەپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم بوشراق تەۋرەپ، ئاندىن توختايدۇ. بەزىدە ئەڭ ئالدىدا ئەڭ قاتتىق تەۋرەپ، ئاندىن كۆپ قېتىم بوشراق تەۋرەيدۇ. بەزىدە يەر ئالدى بىلەن كەينىدە بوشراق تەۋرەپ، ئوتتۇرىسىدا ئەڭ قاتتىق تەۋرەيدۇ. يەر 1-قېتىم 7 بال تەۋرىگەن بولسا، 2-قېتىم 6 بال، 3-قېتىم 5 بال تەۋرىشى مۇمكىن. بىز 1-قېتىمقى يەر تەۋرەشكە ئۈلگۈرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما 2- ۋە 3-قېتىملىقىغا ئۈلگۈرىمىز.
يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش جەريانى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ جەريان. ئامېرىكا ئۆزىدىكى يەر تەۋرەش يېرىقلىرى رايونلىرى (Earthquake fault zone) نى تولۇق بىلىدىغان بولۇپ، مېنىڭ پەرىزىمچە ئالەم تېلېسكوپى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى يەر تەۋرەش رايونلىرىدا يۈز بەرگەن مىكرو ھەرىكەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەلۇم بىر يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىقتىدارىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىشى مۇمكىن. بۇ مېنىڭ شەخسىي پەرىزىم بولۇپ، بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن كۆپ پىكىر قاتناشتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. كەچۈرۈڭ.
|
|