قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4809|ئىنكاس: 25

موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ئۇيغۇر ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەلنەپەس تورى سىزنى قارشى ئالى

1

تېما

0

دوست

338

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29926
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 15:49:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئىسمائىل – ئارىغ قايانىڭ تەكلىۋى بىلەن مىلادى 1272- يىلى ئىلخانىيلار خانلىقىدىن كەلتۈرۈلگەن توپچىلارنىڭ بىرى. يۇرتى شۇلىي دېگەن شەھەر. ئۇ توپنى ناھايىتى ياخشى ياسايتتى. ئۇ مىلادى 1274- يىلى قوشۇننىڭ تەركىۋىدە شياڭياڭ مۇھاسىرىسىگە قاتناشقان. لېكىن شەھەرنى يەنىلا قولغا چۈشۈرگىلى بولمىغاچقا، ئىسمائىل يەر شارائىتىغا قاراپ توپنى شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ توپنىڭ ئېغىرلىقى 150 جىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئاسمان – زىمىن لەززىگە كەلگەن. توپنىڭ ئوقى تەگكەن ھەر قانداق يەر قاتتىق ۋەيران بولغان. يەرنى يەتتە چى چوڭقۇرلۇقتا ئويىۋەتكەن. نەتىجىدە توپنىڭ زەربىسىدىن قورقۇپ كەتكەن سۇڭ قوماندانى لۇۋېن خۇەن شەھەرنى تاپشۇرغان. ئىسمائىل بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 250 لياڭ كۆمۈش بىلەن تەقدىرلەنگەن. شياڭياڭ ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، قوبلايخان توپچىلار تۈمەن تۈتۈن مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، ئىسمائىلنى توپچى بېشى (تۈمەن تۈتۈن بېشى)، ئالائىددىننى ئۇنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن. ئىسمائىل ئۆلگەندىن كېيىن ئالائىددىن توپچى بېشى بولغان. ئىسمائىلنىڭ ئوغلى پۇپەي(خەنزۇچە ئوقۇلىشى) توپچى تۈمەن نويان بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ مىلادى 1275- 1278- يىللاردىكى سۇڭ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 145 - بەت.)

         تاپۇن – ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە قومۇل شەھرىنى ئىدارە قىلىشتىكى ماھارىتى بىلەن داڭق چىقارغان. شۇڭا، قۇمۇلدىكى چاغدا ئۇنىڭغا <<دۆلەت پىرى>>دېگەن نام بىرىلگەن. مىلادى 1209- يىلىدىن باشلاپ چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنىدا مۇھىم رول ئوينىغان. جۇڭدو(بېيجىڭ) مۇھاسىرىسىگە ۋە لياۋشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. پىڭلۈەن ۋە بەيشى شەھەرلىرىنى ئۇ ئىشغال قىلغان. تاپۇن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش ۋە شەھەر باشقۇرۇشقا ناھايىتى تەدبىرلىك بولغاچقا، چىڭگىزخان ئۇنىڭ تەجىرىبىسىدىن پايدىلىنىش مەخسىتىدە شىمالىي جۇڭگودىكى ئىشغال قىلىنغان مۇھىم يەرلەرگە ئۇنى پەۋقۇلئاددە سالاھىيەتلىك ۋالى قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇ قوشۇننىڭ ئىنتىزامسىزلىق قىلىشىنى ۋە تىنچ ئاھالىلەرگە چېقىلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە << دۆلەتنىڭ ئاساسىنى خەلق تەشكىل قىلىدۇ. كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، يەرلىرىنى تارتىۋېلىشنىڭ نىمە پايدىسى بار. گۇناھسىز كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش دۈشمەننىڭ روھىنى ۋە يۈرىكىنى چوڭايتىش دېگەنلىكتۇر>>دەپ دەرھال توساتتى. بۇ سۆز چىڭگىزخانغا بەكلا ياققاچقا، بەيشى شەھرىنى قوغدىغۇچى قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. تاپۇن يەنە ئۆلكە قوشۇنىنىڭ ئەمىر لەشكەرلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن. تاپۇننىڭ ئىچكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆز ئالدىغا بىر خىل باشقۇرۇش سىستېمىسى بار ئىدى. ئۇ ئايماق — ناھىيىلەردىكى مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىنى ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى. ئۆلۈم جازاسى بىرىلىدىغان دىلو ئۈستىدىن ئۆزى بىۋاسىتە ھۆكۈم چىقىراتتى. خالىغان بىر ۋاقىتتا خەلقنى چاقىرتىپ كىلىپ، ئۇلارنىڭ دەرت — ئەھۋالىنى ۋە ئارزۇ — ئىستەكلىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئاڭلايتتى ۋە بىر تەرەپ قىلاتتى. ئۇ سودا ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. سودىگەرلەرگە ۋە دېھقانلارغا پۇل ۋە چارۋا – مال ياردەم قىلىپ تۇراتتى.
         مىلادى 1234- يىلى ئوگىدايخان تاپۇنغا يىجۇڭشەننى ئىشغال قىلىش ۋە ئۇنى پىڭيۈەن ۋىلايىتى قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. مىلادى 1235- يىلى لى شيەن بىلەن چاۋشياۋنىڭ ئىسيانىنى باستۇرغان. مىلادى 1243- يىلى باھاردا مەمۇرلارغا بىر زىياپەت بىرىلگەن. تاپۇن زىياپەتتىن قايتىپ كىلىپلا كىسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.
         تاپۇن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ناھايىتى مەشھۇر بىر شەخس ئىدى. ئۇنىڭ بىر ئوغلى ئارقىش تەمۈر دادىسىنىڭ ئۆلكە قوشۇنىنىڭ ئەمىرلەشكەرلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە شىڭپىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىدارە قىلغۇچى مەمۇر بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە چىڭگىزخان ۋە دادىسىنىڭ باشقۇرۇش شەكلىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ مۇڭكىخان دەۋرىدە جالارتاينىڭ قوماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان كۇرىيە يۈرىشىگە قاتناشقان. لېكىن ئۇ ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن. تاپۇننىڭ يەنە بىر ئوغلى ئاتايمۇ دادىسىنىڭ مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە مۇڭكىخان دەۋرىدە دارۇغاچلىققا تەيىنلەنگەن. ئاتاينىڭ قوبلايخان دەۋرىدىكى خىزمەتلىرى، بولۇپمۇ نوياننىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشتىكى تۆھپىسى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ مىلادى 1289- يىلى ئۆلگەن. ئاتاينىڭ ئوغلى دەرمىش(ياكى دەرۋىش) تەمۈرخاننىڭ ئوردىسىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئالىملىق سالاھىيىتى بىلەن شۆھرەت قازانغانىدى. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 148-، 149- ، 150- بەتلەر.)

         ئۇقمىش –
نايمان ھۆكۈمدارى تايانخاننىڭ مۆھۈرچىسى، خەزىنىدارى ۋە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋەزىرى، شۇنىڭدەك كېيىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە خەزىنىدار ۋە دۆلەت ئۇستازى بولغان تاتاتۇڭانىڭ چوڭ ئوغلى. قۇندۇقاي ئىسيان كۆتۈرگەندە، ئۇقمىش ئاۋۋال خان ئەۋلادلىرىدىن قاچارنىڭ ئوغلى توقتانىڭ لاگىرىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان. كېيىن قوشۇنىنى باشلاپ قۇندۇقاينىڭ ئىسيانچى قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ قىلغان. لېكىن ئالاندارنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇرۇشتا ئۆلگەن. سۇرغاي تاتاتۇڭانىڭ 3- ئوغلى. ئۇ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە دادىسىنىڭ خەزىدارلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. مىلادى 1260- يىلىدىكى ئارىق بۇقا ئىسيانىدا مۇھىم رول ئوينىغان. تاتاتۇڭانىڭ 4- ئوغلى تۈمەن قوبلايخان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوردا قوغدىغۇچى قوشۇنىغا قوماندانلىققا تەيىنلەنگەن. سورغاينىڭ ئوغلى ئابۇشقا شەنشى ئۆلكىسىگە دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 155 -بەت. <<يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە موڭغۇللارغا دائىرى ماتىرىياللار توپلىمى>>، خەنزۇچە،161- بەت.)

        باش قۇت تۇڭگا ئايغۇچى –
موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ دەستلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۆت قەبىلىسىگە ۋە ئۇزىنىڭ خاس قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ سىچۈەنگە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. لېكىن، ئاشۇ يۈرۈشتە ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى تاقاجۈكنى مۇڭكىخان پەۋقۇلئاددە سالاھىيەت بىلەن قۇمۇل ۋە چۈ شيەن شەھرىدىكى موڭغۇل نەسىللىك كىشىلەرنىڭ ۋە يات مىللەتنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل مەمۇر قىلىپ تەيىنلىگەن. قۇندۇقاي ۋە ئالاندار قاتارلىقلار ئىسيان كۆتۈرگەندە، ئىسيانچىلار ئۇنى تۇتقۇن قىلغان. تاقاجۈك پۇرسەت تېپىپ قېچىپ چىقىپ، قوبلايخاننىڭ ئوردىسىغا بارغان. قوبلايخاننىڭ ئەمرى بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. مىلادى 1272- يىلىدىن باشلاپ ئۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئۆلكە قوشۇنىنىڭ مۇئاۋىن ئەمىرلەشكەرلىكىگە تەيىنلەنگەن. (ب.ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 158-، 159-بەتلەر.) ئوغلى تۆرە شىگۈەن دادىسىنىڭ ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە گۇنا، ئايى ۋە لو لەيمىن قاتارلىقلارنىڭ يۈەن سۇلالىسىغا قارشى كۆتۈرگەن بىر قانچە قېتىملىق ئىسياننى باستۇرغان. تۆرە شىگۈەننىڭ ئوغلى ئاۋۋال قوغدىغۇچى قوشۇنغا قوماندان بولغان، كېيىن مەرتىۋىسى يەنىمۇ ئۆرلەپ باش قوماندانلىق دەرىجىسىگە قەدەر كۆتۈرۈلگەن.(<<يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قارلۇقلارغا دائىرى ماتىرىياللار توپلىى>>، خەنزۇچە، 173-،174 - بەتلەر. )

         كۆل باغۇدچى –
ناھايىتى ئەقىللىق ۋە ئالاھىدە ماھارەتلىك كىشى ئىدى. چىڭگىزخان غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ كىلىپ چىڭگىزخانغا ئەل بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن چىڭگىزخاننىڭ مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىگە قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرىگە قاتنىشىپ، بىر قانچە ئۇرۇشتا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن. چىڭگىزخان ئۇنى تەقدىرلەپ چوڭ مۇكاپات بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ ئۆز يۇرتى كۇنلۇ(قارا شەھەرنىڭ يېنىدا)نىڭ دارۇغاچلىق ئەمىلىنى بىرىشنى تەلەپ قىلغان. چىڭگىزخان ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان. ئۇنىڭغا يەنە ئايرىم تېرىلغۇ يەر ۋە 200 نەپەر خاس ئەسكەر ئاجرىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئوغلى شىبان قايدۇ ئىسيان كۆتۈرگەن چاغدا قوبلايخاننىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،162-بەت.)

        شىبان –
كۆل باغۇدچىنىڭ ئوغلى. دەستلەپتە ئوگىدايخاننىڭ ئوردىسىدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى قاشىغا ئۇستاز بولغان. كېيىن قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا بىتىكچى، موڭغۇل شاھزادىلىرىنىڭ جارغۇچىسى، سىياسىي ۋە ھەربىي مەسلىھەتچى بولغان. مىلادى 1260 – يىلى جېندىڭ ۋىلايىتىگە دارۇغاچلىققا تەيىنلەنگەن. قاشىنىڭ ئوغلى قايدۇ ئىسيان كۆتۈرگەندە، ئۇ قوبلايخان ئۈچۈن ئەلچى بولغان. ئۇنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن قايدۇ قوشۇن چېكىندۈرۈشكە قوشۇلغان. مىلادى 1276 - يىلى 79يېشىدا ئۆلگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،162 -، 163- بەتلەر.)
شىباننىڭ ئوغلى ئورۇسبەگ جاڭسۇ ۋە جېجاڭ ئۆلكىسىگە ھۈدەيچى بولغان. بۇ چاغدا جاڭسۇ ۋە جېجياڭدا ئىسيان كۆتۈرۈلگەن. ئىسيانچىلارنىڭ باشلىقى ئۆزىنى <<ساماۋىي خان >>دەپ ئاتىۋالغان. شىبان بۇ ئىسياننى باستۇرۇپ، كەينىدىن گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى مالىمانچىلىقنى تىنچىتقانىدى. مىلادى 1314- يىلى 69 يېشىدا ئۆلگەن.(<<يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قارلۇقلارغا دائىر ماتىرىياللار توپلىمى>>، خەنزۇچە، 176- بەت.)
ئاپانا توقتۇ – ئىدىقۇت خانلىقىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد لۈكچۈن شەھرىنى باشقۇرۇپ كەلگەن بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بولۇپ، مىلادى 1209- يىلى بارچۇق ئارتتېكىنگە ئەگىشىپ چىڭگىزخانغا ساداقەت بىلدۈرگەن. چىڭگىزخان ئاپانا توقتۇنى ئۆزىنىڭ شەھرى لۈكچۈنگە دارۇغاچلىققا تەيىنلىگەن. ئۇزۇن ئۆتەي ئاپانا توقتۇ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختىگە كۆچۈپ بارغان ۋە قوغدىغۇچى قوشۇنغا قوماندان بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئالچى بۇقانى قوبلايخان خانبالىق (بېيجىڭ) شەھرىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ ياردەمچى نازارەتچىلىكىگە تەيىنلىگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 166- بەت.)

        بۇلاد تامۇر –
ناھايىتى شۆھرەتلىك كىشى بولۇپ، شياڭياڭ شەھرىگە دارۇغاچ بولغان. مىلادى 1351- يىلى يېسۇن بۇقاغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ھەربىي تالانتىنى نامايەن قىلغان. مىلادى 1368- يىلى يۈەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ جەمەتىدىكى 26 ئادەم بىلەن بىراقلا ئۆلتۈرۈلگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ قوماندانلىق قىلغان ئۇرۇشلار ئىنتايىن شىددەتلىك بولغان. مەنبەلەردە ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ساداقەتنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،181 -بەت. )

        يىغمىش –
قوبلايخان دەۋرىدىكى مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى، دىپلومات ۋە قوماندان. مىلادى 1292- يىلى يۈەن سۇلالىسىنىڭ 1000كىمىگە چىققان 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ياۋا ئارىلىغا يۈرۈش قىلغاندا، قوبلايخان بۇ قوشۇنغا شىمېي، گاۋشىڭ ۋە يىغمىش قاتارلىقلار ئۈچ كىشىنى قوماندان قىلىپ تەيىنلەپ، دېڭىز ئىشلىرىنى مەخسۇس يىغمىشقا تاپشۇرغان. مىلادى 1293- يىلى بۇ قوشۇن ياۋا مەملىكىتىنىڭ چىگراسىغا يىتىپ كەلگەندە، بۇ مەملىكەتنىڭ پادىشاھى خاجىگېداناكا قوشنا مەملىكەت گېلاننىڭ پادىشاھى خاجىگى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ كۈيئوغلى تۇخانبىدۇيې يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىغا تەسلىم بولۇپ، ئۆز ئىلىنى تاپشۇرغان ۋە گېلان مەملىكىتىنىڭ پادىشاھىدىن قېساس ئېلىش ئۈچۈن، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ياردەم بىرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ياردىمى بىلەن گېلان مەملىكىتىگە ھوجۇم قىلىپ كىرگەن. خاجىگې مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان. لېكىن، يۈەن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى قايتىۋاتقاندا، تۇخانبىدۇيې يۈز ئۆرۈپ يول توسۇپ بۇ قوشۇنغا ھۇجۇم قىلغان. يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىدىن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. (<< موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى >>، خەنزۇچە، 1- قىسىم، 180-،181- بەتلەر.)

       ئالابارىس –
باۋارىدلىك ئۇيغۇر. ئۆز شەھرىدە ئەسلىدە مىڭ بېشى بولغان. چىڭگىزخان غەرپكە يۈرۈش قىلىپ باۋارىدقا كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ كىلىپ ئۇنىڭغا ئەل بولغان. ئۇ بايقال قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. تۇرپان، بۈگۈر ۋە خۇتەندىكى كۈچلۈككە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئوغلى ئالائىددىن قوبلايخاننىڭ شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ تۆھپە كۆرسەتكەن. مىلادى 1287- يىلى 102 يېشىدا ئۆلگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،196 - بەت.)

       ئەرتوغرىل ـــ
چىڭگىزخان ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىپ يالىۋاچلىق مەرتىۋىسىگە ئىرىشكەن ۋە ھوقۇق بەلگىسى سۈپىتىدە ئالتۇن پايزا بىرىلگەن. ئۇ قوشۇن ئۈچۈن ساۋۇت — دوبۇلغا ياسايدىغان ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلىرىگە مەسئۇل بولغان. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 198- بەت.)

       تۇقمىر –
قوبلايخان دەۋرىدە سۇڭ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان قوماندانلاردىن بىرى. ئۇنىڭ ئوغلى نوقاي دەستلەپ مىڭبېشى بولغان، مىلادى 1308- يىلى تارخانلىق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن. يەنە بىر ئوغلى ئۇيغۇر ئاۋۋال خېنەن بىلەن خېبىيگە سىياسىي مەسلىھەتچى، مىلادى1321- يىلى جىياڭشىگە سىياسىي مەسلىھەتچى بولغان. مىلادى 1326 - يىلى 59 يېشىدا ئۆلگەن. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،351- بەت.)

         نەسىردىن –
يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى دېڭىز(سۇ) قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ بوۋىسى مەھمۇد ئارىغ قىيانىڭ قوشۇنىدىكى مۇھىم ئادەم بولۇپ، مەشھۇر شياڭياڭ مۇھاسىرىسىگە قاتناشقان. شياڭياڭ ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ جۈنجوغا دارۇغاچ بولغان. نەسىردىن دەستلەپتە جۇندۇڭدا كاتىپ، لىڭجۇدا قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل بەگ ۋە جۈندۇڭدا تەپتىش بولغان. مىلادى 1350- يىلى يۈەن سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغاندا، نەسىردىن جېنجونى قوغداش بىلەن مەشھۇر بولغان. كېيىن كىمە ئەترىتىنى باشلاپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان جاڭشىچىڭ قوشۇنلىرىنى ۋۇخۇدا مەغلۇپ قىلىپ چىكىندۈرگەن. مىلادى 1353- يىلى خۇەيشى قوماندانلىقىغا تەينىلىنىپ، شەھەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلغان. لېكىن، بۇ ئۇرۇشتا ئۈچ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشتىكى ساداقىتى بىلەن مەشھۇر بىر ئائىلىگە ئايلانغان. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 359-، 360- بەتلەر. )

        يۇقىرىدا تۇنۇشتۇرۇلغان قوماندانلارنىڭ ئىش —
ئىزلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، مىلادى 13- ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە كۈچىيىشىدە ئۇيغۇر قوماندانلىرى ۋە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغان. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي مەقسەتلىرى يولىدا ئۇيغۇر قوماندانلىرى ۋە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ قەدەم ئىزى شەرقتە بېيجىڭدىن خاڭجۇ ئەتراپلىرىغىچە، جەنۇپتا خەينەن ئارىلى، ۋېتنام ۋە ياۋا ئارىلىغىچە ، غەرپتە ئىران، سۈرىيە، مىسىرغىچە، غەربىي شىمالدا ۋولگا بويلىرى كېيىف، موسكۋا، بالتىق دېڭىزى ۋە بۇداپېشتقىچە يىتىپ بارغان. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسى موڭغۇل مىللىتى ئۈچۈن بىر خىل يېڭى كۈچكە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھالقىپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتى ئۈچۈن تۈرتكە بولغان. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇلۇغ ئوكياندىن تارتىپ بالتىق دېڭىز بويلىرىغا قەدەر ئىشغال قىلغان جايلىرىدا قۇرۇلغان خانلىقلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تۇرغۇزۇلغان. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق ئاشۇ خانلىقلاردىكى تۈرلۈك مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئىقتىدارلىقى ۋە ئەڭ سادىقى ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھەر ساھەدىكى تالانت ئىگىلىرى موڭغۇل ھاكىمىيىتىدە ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ۋە ھەربىي ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان. بۇ خىل ۋەزىپىلەرنىڭ يۇقىرىسى خان مەسلىھەتچىسى، ۋەزىر، ۋەزىر ياردەمچىسى، ئەلچى، دۆلەت ئۇستازى، كاتىپ، باش قوماندان، قوماندان، باش سوتچى، سوتچى، ئۆلكە باشلىقى، ۋالى قاتارلىقلار، تۈۋەن دەرىجىلىكلىرى بولسا مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئۇرۇش مەزگىلىدە ناھايىتى قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇشۇپ موڭغۇل ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتسە، تىنچ مەزگىللەردە ئوردا، پايتەخت، پايتەخت ئەتراپى، خەزىنە، قاتناش تۈگۈنلىرىنى قوغداشتەك مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان. دېمەك، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئۇيغۇرلارغا بەكرەك تايانغاچقا، ئۇنىڭ غەلىبىسىنى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل خانلىق قۇرۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. بۇنىڭغا غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان ئەرتىنە(ئەراتنا) خانلىقىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خانلىقنى ئىلخانىيلارنىڭ ئاناتولىيىدىكى باش ۋالىسى ئەرتىنە قۇرغان. ئەرتىنە ئەسلىدە مىلادى 1327- يىلى ئاناتولىيىگە باش ۋالى بولۇپ تەيىنلىگەن. ئۇ مىلادى 1335- يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان. بۇ خانلىق مىلادى 1381- يىلىغىچە46 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ خانلىقتا ئەرتىنە (1335-1352- يىللار)، غىياسىدىن(1352- 1365- يىللار)، ئالائىددىن (1365- 1380-يىللار)، مۇھەممەد(1380- يىلى) ۋە قىلىچ ئارسلان(1380-1381- يىللار) قاتارلىق بەش كىشى تەختتە ئولتۇرغان. بۇ خانلىق ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىلدە زىمىنى ئاناتولىيىگە تولۇق كېڭەيگەن.
        ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئايرىم تەتقىق قىلىنىدىغان مەسىلە . لېكىن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ساھەدە ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تولۇق نامايەن قىلغان مەزگىلى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ تارىخىنى يازغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ئۇتۇقلىرىنى تولۇق يورىتىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەنتىقىسىنى چۈشۈنىشتىكى مۇھىم بىر ۋاسىتىدۇر.
مەنبە: بىر تورداشنىڭ تور خاتىرلىرى

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1765
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6609
توردىكى ۋاقتى: 1557
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 19:48:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ساھەدە ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تولۇق نامايەن قىلغان مەزگىلى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ تارىخىنى يازغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ئۇتۇقلىرىنى تولۇق يورىتىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەنتىقىسىنى چۈشۈنىشتىكى مۇھىم بىر ۋاسىتىدۇر.
---
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4390
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 22:02:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇنىڭدىن ئىلگىركى دەۋىرلەردە قۇرال ياراق سودىسىنى باشقۇرىدىغان بولغاندىكىن ئەلۋەتتە جەڭگە ماھىر بۇلىدۇ، ئازاتلىقتىن كىيىن ھىندىستان قۇشۇنلېرىنى چىكىندۈرۈشتىكى جەڭدىمۇ ئىنكاسى سۇز ھىندىلارنى تىتىرتىۋەتكەن ئاتلىق قۇشۇندىكىلەرمۇ ئۇيغۇر ئىدى...

0

تېما

1

دوست

1881

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28269
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 01:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرنىڭ قەدىرنى ئۇيغۇر قىلمىسا ھىچكىم قىلمايدۇ.
باشقىلار ئاچ كۆزلۈك بىلەن قاراپلا تۇردۇ.
ئۆتمىشىمىزنى ئۇنۇتساق ئۆتمىشىمىزنى يەۋىتىدۇ.
كىلەچەكنى ئۇنۇتساق كىلەچەكنى يەۋىتىدۇ.

0

تېما

3

دوست

1991

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22917
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 600
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 01:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىڭگىزخاننى تىللىساق   ئۇنىڭغا ھەمدەم  بولغان ئۇيغۇرنى ئۇنتۇيمىز ،  ئۇيغۇرنى ماختىساق  چىڭگىزخاننىڭ قانخۇرلىقىنى ئۇنتۇيمىز ……

44

تېما

2

دوست

7772

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 2005
توردىكى ۋاقتى: 497
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 06:04:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بەكمۇ قىممەتلىك تارىخ ئىكەن.
    مەن بۇ تارىخلارنى پەقەت بۇ تېمىدىن ئوقۇغان بولدۇم. تېما يوللىغۇچىغا رەخمەت.

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2770
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 11:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانقى گەپلەر بۇ ؟
ئۇيغۇردىن قوماندان چىققان دىسە مەن قەتئىي ئىشەنمەيمەن . ئىسمائىل دىگىنىمۇ بەلكىم چاغاتاي ئەۋلاتلىرى بولۇشى مۇمكىن . مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ يەنىلا موڭغۇل .
ئاغزىمىزنى تاتلىق قىلىشقا بەك ئامراق خەققۇ بىز .
بىزدىن نىمە چىقىدۇ ؟ مەن دەپ بېرەي :
خانئېرىقتىن ساھىل كۆپ چىقىدۇ .
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە يېرىدىن زابوي جىق چىقىدۇ .
لەيلەيخانىلاردىن ئۇيغۇر قېرىلارنىڭ جەسىدى ھەمىشە چىقىدۇ يا چىقىدۇ .
ئاقسۇدىن كاۋا چىقىدۇ(دىسە ھەرگىز ئىشەنمەڭ)
كورلىدىن نەشپۈت .
قۇمۇلدىن قوغۇن .
قەشقەردىن ئانار .
خوتەندىن ياڭاق ، قاشتېشى ، خوتەنلىك .
ئۈرۈمچىدىن تومۇز ئىسسىق چىقىدۇ .
غۇلجىدىن ئاقچى .
چۆچەكتىن ساقچى .
پينھاندىن مەرەز بىر داقچى ...

0

تېما

0

دوست

509

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30169
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 13:02:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begir يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 11:15
قاچانقى گەپلەر بۇ ؟
ئۇيغۇردىن قوماندان چىققان دىسە مەن ...

قۇماندان ، يىتەكچى ، سىياسىيون ،ئۇچقۇچى  ، دىپلوماتلار چىقىپ قالا . پەلەكنىڭ چاقى چۆگىلەيدۇ ئەمەسمۇ . ھازىرچە شۇ چىققانلارنى ئەسلەپ ، چىقماقچى بولغانلارنى ھۆرمەتلەپ تۇرايلى ، بولامدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )