- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
  13.1%
|
begir يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 11:15 
قاچانقى گەپلەر بۇ ؟
ئۇيغۇردىن قوماندان چىققان دىسە مەن ...
سىز پەقەت كىشىلەرنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرىدىكەنسىز. بۇنداق كەمچىللىك ئۇيغۇرلاردا ئەمەس پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتە بار.تارىختا ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن قوماندانلار،ئالىملار،مۇتەپپەككۇرلار،دىنشۇناسلار،مائارىپچىلار،تارىخچىلار،يازغۇچىلار،مىللەتپەرۋەر بايلار،قول ھۈنەرۋەنلەر،سەنئەتكارلار،پالۋانلار،باتۇرلار چىققان.ھازىرمۇ چىقىۋاتىدۇ.ئىشىنىمىز كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپلەپ ھەسسىلەپ چىقىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان يېڭىلىقنى ھەممىدىن بۇرۇن قۇبۇل قىلىدىغان ،يېڭىلىق يارىتىشقا ئۇستا (مەتبە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشىپ قىلغىنىنى بىلمەيسىز بەلكىم) ،باتۇر،چوڭ جەھەتتىن ئىجىل ئىناق ئىتتىپاق ئۆتىدىغان،مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان مىللەت بولغاچقا ھەرقايسى دەۋرلەردە مەيلى ئۆزى ھاكىمىيەت تىكلىسۇن ياكى باشقىلارغا بېقىنسۇن ئەتىۋارلىنىپ ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن. بۇنىڭغا مىساللار كۆپ.قارغۇلارچە پىكىر قىلماي تارىخ كۈرۈپ كىتاپ كۈرۈپ بىلم سەۋىيىمىزنى ئاشۇرۇپ ئاندىن گەپ قىلايلى.يىراقنى دىمىگەندىمۇ «ئىستىقبال سەھنىسى»پىروگراممىسىنى كۆرسىڭىز ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى كۈرۈپ ئۇلارغا ھۆرمەت ھېسياتىڭىز قوزغالماي تۇرالمايسىز.دوكتۇر،كەشپىياتچى،ئالىم دىگەندەكلەرنى دىمەيلا تۇراي.تەكلىپىم ھەرقانداق مىللەتتە ئاقچى،بۇلاڭچى،ئوغرى،يۇرتۋازلار بار.پەقەت ئۇيغۇرغا خاس نەرسە ئەمەس بۇ.يۇقىرىدا دىگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىشلار دەل ئۇيغۇرغا خاس نەرسە. شۇڭا ئۆزىمزنى كۈرۈپ باشقىلارنىمۇ شۇنداق دىمەيلى.ئۆزىمىزنى بىلىم ئارقىلىق قوراللاندۇرۇشقا كۈچەيلى دوستۇم. |
|