- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
13.1%
|
generall يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 17:02
بۇ ئىنكاسىنى ئوقۇپ بېقىڭلار:( مېنىڭچە بۇنى بىر قاچاق ي ...
بۇ ئىنكاس نىمە بۇپتۇ؟شۇ تارىخ ئۇقمايدىغان بىرىنىڭ يازغان نىمىسكەنغۇ بۇ.مۇشۇ بىر ئىنكاسنى پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ گېپى دەپ ئۇيغۇرنى دۆت دىيىش توغرىمۇ؟پەقەت مۇشۇ ئىنكاسنى يازغان ئادەمنى دۆت دىيىش كېرەك.ئۇيغۇر دىگەن ئەقىللىق مىللەت.تارىختا مەڭگۈ بىر دۆلەتكە تەۋە زىمىن بولمايدۇ.بۇرۇن ئەجداتلىرىمىز ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇل،روسسىيەنىڭ بىر قىسى،قازاقىستان،ئۆزبىكىستان،ئافخانىستان ،جۇڭگۇنىڭ شىمالى قىسمى قاتارلىق نۇرغۇن جايلارنى باشقۇرغان.بۇنىڭلىق بىلەن بۇ جايلارنى بىزنىڭ دىيىش توغرا ئەمەس.بۇ شۇ زامانلاردىكى ئەجداتلارغا مەنسۇپ.بىزنىڭ تارىخى ئىزلىرىمىز خالاس.ئۇيغۇر ھەرگىز دۆت ئەمەس.مۇشۇنداق بىر ئىنكاسنى پۈتكۈل ئۇيغۇرغا تەدبىقلايدىغان نادانلارنى نىمە دىسەك بولار؟ بۇنداق ئىش ھەممە مىللەتتە بار.مەسىلەن:شىنلاڭ تورىنىڭ تارىخ سەھىپىسگە چىقسىڭز بىر قىسىم خەنلەر ھازىرقى بالقاش كۆلىگىچە بولغان جايلارنى شىمالى ۋەجەنۇبى كورىيەنى ئەينى ۋاقىتتا بىز باشقۇرغان قايتۇرۇۋىلىش كېرەك دەپ يازغان.بۇ ئىنكاسلارنىمۇ قوللىغۇچىلار بار لىكىن قارشى چىققانلار كۆپرەك.چۈنكى ئۇ تارىخ.بۇنىڭچە بولغاندا ئەنگىلىيە بۇرۇنقى شۆھرىتى بۇيىچە دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئۆزىنىڭ ،ئامرىكىنىمۇ ئۆزىنىڭ دەپ قارىشى كېرەكمۇ؟تۈركىيە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ دەپ قارىشى كېرەكمۇ؟نىمىشقا مۇشۇ بىرقىسىم كىشىلەر ھازىرنى ئويلاپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۇيغۇرغا يۈز كېلەلىگىدەك شۆھرەت ئېلىپ كېلەلىگۈدەك ئادەم بولماي نەدىكى ئۈتۈپ كەتكەن مۇمكىن بولمىغان ئىشلارغا زېھنىنى ئىسراپ قىلىدىغاندۇ؟ |
|