- تىزىملاتقان
- 2014-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2161
- نادىر
- 0
- يازما
- 77
ئۆسۈش
  5.37%
|
elkelem يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 16:03 
تەرجىمىنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن بېرى ئەسلىگە سادىق بولۇ ...
دېگىنىڭىزدەك «پر» ئەسلىي ماھىيەتىدىن قوشۇمچە ئەمەس. ئۇ سۈپەت ۋە رەۋىش تۈرىدىكى سۆز. بىراق ئۇنىڭ كەينىگە ئىسىمنى قاتقاندا، ئۇ يەردە ئالدى قوشۇمچىلىق رولىنى ئوينىيالاپ، شۇ ئىبارە بىلەن سۈپەتلەنگەن جاي ياكى شەيئىنىڭ، شۇ ئىسىمگە تويۇنانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ-دە، شۇ ئىسىمنىڭ ئايىغىغا «لىك» قانقاتدىكىدىن خېلى كۇچلۇق بولىدۇ. شۇنىڭ تىل تەپەككۇرى جەھەتتىن كاللىمىزدا تەبىئىي كى ئاشۇرما ھالەت ھاسىل بولىدۇ. بۇنى، شۇ «پر» سۆزىنىڭ مەخسۇس ئاشۇرما دەرىجە قوشۇمچىسى ياكى ئەمەسلىگى بەلگىلىيەلمەيدۇ. بىزنىڭ تىلىمىزدىكى بىر تال ئاددىي جۈملىنى بەزى تىلدا بىر رەۋش بىلەنلا بىلدۈرىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا تىلىمىزدىكى يەنە بىر تال سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدىغان بەزى ئاددىي جۈملىلەر باشقا تىلدا بر جۈملىگە يېيىلىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمىدە، ئەسلىي ئاپتورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنىنى ئۆز پېتى ھەم يىغىچاق قىلىش ئۈچۈن، تىل ئىپادىلەۋاتقان ئۇقۇمىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش كېرەك. |
|