- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7134
- نادىر
- 0
- يازما
- 449
ئۆسۈش
  42.68%
|
syawush يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 12:15 
ھەمدە گاھى ھاللاردا قوشۇمچىلار مۇناسىپ ھالدا چۈشۈپ ق ...
تەرجىمىنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن بېرى ئەسلىگە سادىق بولۇش، يەنە بىرى ئۆزگە تىلدىكى سۆزلەرنى ئۆز تىلىدا راۋان ئىپادىلىپ بېرىش، ئۆز تىلىمىز ئۆزگە تىلدىكى شۇ ئۇقۇمنى راۋان، ئەينەن ئىپادىلەشتىن ھەقىقەتەن ئاجىز بولسا ئاندىن ئۆزگە تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىنسا بولىدۇ. لېكىن سىز دېگەن پور قودرەت دېگەن سۆزنى پور قۇدرەتلىك دەپ ئېلىش بىلەن قۇدرەت دېگەن سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ئەينەن ئىپادىلىدىم دەپ قارىسىڭىز تازا توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پارىس تىلىدىكى پور سۆزى ھەرگىزمۇ سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسنى ئىپادىلەيدىغان سۆز ئەمەس. قۇدرەت سۈپىتىنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ئىپادىلەش زۆرۈرىيتى بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن پارىسچە پورنى قوشۇپ قويۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ.
توغرا،ئۈستىدە كىتابداننى مىسالغا ئاپسىز. بۇ ئىككىسى ئىككى مەسىلە، بەكرەك ئويلىنىڭ، ئۇنداقتا ئادەم بار شوتىنى ئادەملىك شوتا، ھەر بىر بالتىقىدا بىردىن ئادەم بار شوتىنى پور ئادەملىك شوتا، بىر ئادەم بار لىفىتنى ئادەملىك لىفىت، لىق ئادەم بار لىفىتنى پور ئادەملىك لىفىت دەپ ئاتامدۇق؟ |
|