- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2367
- نادىر
- 0
- يازما
- 156
ئۆسۈش
  12.23%
|
رەھمەت تېما ئىگىسى،سىزنىڭ يازمىڭىز گەرچە تاغدەك يۈكنى يۈدۈپ يولغا چىققاندەك تۇيۇلسىمۇ ئۇنىڭ ئىگىسى مىللەت سۆيەر كىشى ئىكەنلىكىدىن بەكلا سۆيۈندۈم، مۇشۇ كۈنلەردە ھەممىمىز يۈكسىلىش ھەققىدە ئويلىنىۋاتىمىز، دەرھەقىقەت شۇنىڭدىن باشقىسى بىزگە پايدا بەرمەيدۇ. مەيلى بىر توم كىتاب يازايلى، مەيلى بىر بوغۇملۇق ئىنكاس يازايلى مېنىڭچە قەلەم ئىگىسىنىڭ مەيدانى ھەممىدىن مۇھىم. نۆۋەتتە ئەتىراپىمىزدا پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەيدىغان نوچىلار ئاۋۇپ كەتتى، خالاغا بىلەت ساتقۇچى بولسىمۇ ئۆزىنى جاھانغا خاقان بولغاندەك ھېس قىلىدىغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن نۇرغۇن ئىشلار ياخشى بولمايۋاتىدۇ. بىرلىك يوق، نىزا ۋە ئىختىلاپمۇ ئاز ئەمەس، پۇتبۇل مۇنبىرىگە كىرسەك ئۇ يەردىكىلەرنىڭ چولپان ھەققىدىكى دەتالاشلىرى، يەنە بىر مۇنبەرلەردە مەزھەپ كۆرەشلىرى... سۆزلىسەك گەپ تولا.
مېنىڭچە مەيلى كىم بولسۇن ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى كىرەك، ئۆز ئايالىنى، باللىرىنى، ئاتا-ئانىسىنى ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشتۈرۈش يولىدا، ئۇلارنى ياخشى ئەمەللەرگە يىتەكلەش يولىدا قولى قاپارغىدەك ئىشلەپ، چىكىسىدىن تەر ئاققۇزىدىغان، ئۆزىنىڭ ئىددىيسى ۋە تۇرمۇشىنى دەۋىر بىلەن سىلىشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئەركەكلەردىن بولالىساق مانا شۇنىڭ ئۆزى سانسىزلىغان پەرۋەرلىك ۋە سانسىزلىغان سۆيۈشلەرگە خىمىرتۇرۇچ بولالايدۇ. كۆپ سۆزلەپ قويدۇم، ئۆزرىلىكمەن. |
|