- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
  13.1%
|
nijatkurban يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 09:56 
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنى ماختىشىغا تېخى بالدۇر.
مىنىڭچە ماختاشنىڭ بالدۇر كىيىنى يوق.ئۇيغۇر مىلىلىتى ھەقىقەتەن ماختانغىدەك مىللەت. ئۆزىنىڭ شانلىق ماختاشقا تىگىشلىك تارىخىنى بىلگەندە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا.بولمىسا بىر قىسىم كىشىلەر بۇرۇنما شۇنداقكەنمىز ھازىرمۇ شۇنداق ،چاغلىقلا مىللەتكەنمىز دەپ چۈشكۈنلۈك ئىچدە ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ياشايدۇ. مسال قىلسام تۈركىيە جۇمھۇرىيتىدىكى تۈركلەر بىرقانچە 10نەچچە يىلدىن ياقى ئوسمان ئېمپېرىيسى زامانىدىكى شانلىق تارىخنى كىنو قىلىپ ئىشلەپ تارقىتىپ كىشلەرگە ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى كىملىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە 2003يىلدىن باشلاپ تۈركىيىدە باشقىچە ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ ھازىر بولسا ياۋرۇپادىكى 4ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ بىرى،دۇنيادىكى 16-ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى. مۇستەققىل ھەربىي سانائىتى ۋە ياساش سانائىتى شەكىللەندۈرۈپ دۇنيادىكى كۈچلۈك ھەربىي دۆلەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى. ياپونىيە گېرمانىيەلەرمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ لىكىن چۈشكۈنلەشمەي ئۆزىنىڭ ئۆتكەن تارىخنى ئەسلەپ ئۆزلۈك ئېڭىنى ۋاقتىدا تېپىۋىلىپ ھازىر يەنە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدىغۇ .ماختاشقا كەلگەندە ماختىغۇلۇق،بولمىسا ھازىر جەمىيتىمىزدە بولىۋاتقان ياخشى ئىش قىلىپ ئۆلگەندە ماختايدىغان ئىش بىلەن پەرقى يوق. ماختاش چېغىدا بولغاندا مىللەتكە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدۇ،ئۆزىنى ھەقىقىي چۈشىنەلەيدۇ،بۇندىن كىيىن قانداق مېڭىش توغرىسىدا يېڭىچە تەپەككۇر پەيدا قىلالايدۇ. دائم باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ ئۈتۈشتىن ساقلايدۇ. |
|