- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
  13.1%
|
pinsilin يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 22:06 
بىر قسىىم پىكىرلىرىڭىز جايىدا.
لىكىن ھەممە گۇناھنى سوپ ...
ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت. مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم «پەن مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ساپانى يۇقىرى كۆتۈرپ ئەقلى كۈچلۈك مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىش.شۇندىلا دۇنيا سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايمىز. پەنتېخنىكىدايېڭىلىق يارىتىمىز دەيتىكەنمىز ئىرادىمىز بولسىلا پەن مائارىپقا ئەھمىيەت بەرسەك بۇنى چۇقۇم قىلالايمىز. مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ كىيىم كېچەك ،ئولتۇرغان ئۆيىمىزنىڭ ئىسىللىگى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ.بەلكى قوسىقىمىزدىكى ئۇمىچىمىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئېتقاد ۋە يۈرۈش تۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. كەلگۈسىدە مارىسقا چىقىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەتلاس كۆينىكىمىزنى ،بادام دوپپىمىزنى كىيىپ ئالەم كېمىسىنى ھايداپ يەرشارىغا قاراپ نامىزىمىزنى ئۇقۇپ چىقساق بولىۋېرىدۇ. بۇيەردىكى مەسىلە پەن مائارىپقا كۈڭۈل بۈلۈش. كەچكىچە جەمىيئەتتىن قاقشىماي ،ئۆزىمىزدىكى تۇترۇقسىز كەمچىلىكنى سۆزلىمەي،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ھەدىسە كۆپىرىپ ئۇلارغا ھەۋەس قىلپ تۇرماي،ئىككى قولىمىز مۆرىمىزنىڭ ئۈستىدە يوغان مېڭىمىز بولغاندىكىن تىرىشپ ئۆگەنسەك ئىشىنمەن بىر كۈنى بىزمۇ دۇنيا پەنتېخنىكىسنىڭ ئۆلچەم بېكىتكۈچىسى بولالايمىز. ئۆز مەدەنىيتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەلەيمىز. ھەر مىنۇت ھەر سىكۇنتنى قەدىرلەپ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ دوسلار ئارا كۈرۈشكەندە قاقشاشماي ئىلىم ئالماشتۇرۇپ ئۆتسەك نىمىدىكە ياخشى ھە.بۇ ئىنساننىڭ قىلىشقا تىگشلىك ئىشى.بۇدۇنيادا ھەقىقىي ياشايمەن دىگەن ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشى.يەنەكىلىپ ساپالىق كىشىنىڭ ئېدقادىمۇ ساپ يۇرۇق بولىدۇ. شۇڭا روھىي چۈشكۈنلۈككە،نادانلىققا كىرىۋالماي زېھنىمىزنى پەن مائارىپقا ئىلىم ئېگەللەشكە قارىتايلى!»سىز دىگەن بۆلەك پەقەت ئەينى دەۋردىكى چۈشكۈنلۈكنىڭ سەۋەپچىللىردىن بىرى خالاس،بۇنى بارلىق تارىخ ئالىملىرى ئېتراپ قىلىدۇ.لىكىن تېمامنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئەمەس. |
|