- تىزىملاتقان
- 2012-12-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1952
- نادىر
- 0
- يازما
- 144
ئۆسۈش
95.2%
|
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار :ھەممىڭلارغا تىنىچ -ئامانىلىق ،سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت،ئادىللىق تىلەيمەن.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم ،مەن مۇشۇ ئەدىلىيە ئادىللىقى ۋە قانۇننىڭ نۇپۇزىنى قوغداش دىگەن گەپلەرنى مۇشۇ 2014-يىلى كىرگەندىن بۇيان بەك كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ،ئەمما شى رەئىسنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ گەپلەرگە يەرلىكنىڭ يەنىلا كۈڭۈلشىمەي ،ئىشلارنىڭ يەنە بۇرۇنقىدىن پەرىقسىزھالدا ‹‹زامان زورنىڭ ،تاماشا كورنىڭ››،‹‹پايدا بېشەمنىڭ،زىيان يوۋاشنىڭ››دىگەندەك بۇلىۋاتقانىلىقىنى ،قانۇننىڭ يەنىلا ئاشۇنداقلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ،مەن ئاڭلىغان‹‹ئەدىلىيە ئادىللىقى ۋە قانۇننىڭ نۇپۇزىنى قوغداش ››دىگەن گەپلەرنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمىدىم .
بۇنى بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ھەقىقىي ۋەقە بىلەن سىلەرگە سۆزلەپ بىرەي.
مەن بىرىنچى قېتىم ئۆزەمنىڭ ساددىلىقى ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ سېسىق گەپلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا تىگى -تەكتىنى تۈزۈك سۈرۈشتۈرمەيلا بىر يولسىز ،بېشەم بىر خوتۇن ئېلىپ قالغاندىم ،توي قىلىپ 2-ئېيىدىلا بويىدا قېلىپ ،بىر ئوغۇللۇقمۇ بولدۇم ،ئۇرۇنسىز تەلەپلىرىگىمۇ ئامالسىز چىداپ ،ئاخىرى غۇرۇرۇم چىدىماي ،ئاجراشتىم ،ئۆزەم ئەرىز قىلىپ شۇنداق تەستە ئاجراشتىم ،ئىشىقىلىپ خوتۇن ئالغانغا شۇنداق تۇيۇپ كەتتىم.چۈنكى خوتۇن يولسىز ،بېشەم بولسا ھەر قانداق كىشى ئاشۇنداق تۇيۇپ كېتىدىغان ئىشكەن.ئىشقىلىپ جېنىم ئامان قالسىلا ،مۇشۇ خوتۇندىن بىر قوتۇلىدىغان ئىشقا شۇنداق ئىنتىزار بوپ كەتكەنىدىم.
بۇ جەرياندا ئۇ توخو پۇقى خوتۇننىڭ تالاي قورقاق ۋە بېشەملىكىنى جىىق كۈرۈپ يەتكەچكىمۇ ئىشقىلىپ ،ئاجرىشىشمۇ شۇنداق تەسكە توختىدى،شۇنداق قىلىپ بىر يىل سۆرىشىپ يۈرۈپ،ھەممىنى بىرىپ پوستىنى سويغان پىيازدەك بۇلۇپ ئاجرىشىپ ،ئۇف دىسەم ،تېخى ئىشلار ئالدىمدىكەن،ئەگەر قانۇننىڭ يەنە ئاشۇنداق ‹‹زامان زورنىڭ ،تاماشا كورنىڭ››،‹‹پايدا بېشەمنىڭ،زىيان يوۋاشنىڭ››دىگەندەك مەيدانى ئۆزگەرمەيدىكەن،ھەم مەن مۇشۇ كەسپى خىزمىتىمنى تاشلاپ ،ئاشۇنداق بىر ھىچنىمىدىن قوىقمايدىغان ،بىر تەلۋە ،ساراڭ قىياپەتكە كىرمەيدىكەنمەن،مىنىڭ بۇدەرىتنى تارىتقىنىم تارىتقان.
قانۇن بىلەن ئۇ بېشەمنىڭ بىرلىشىپ ماڭا ھۇقۇقسىز مەجبۇرىيەتنى تاڭغىنى تاڭغان ،بۇ قانداق مەجبۇرىيەت ،بۇ شۇنداق مەجبۇرىيەت،مەن ئاجرىشىش ئالدىدا بىر 700كوي خەجلەپ ،بالامنى ماڭا ئېلىپ بىرىڭ ،نىمە كەتسە مەيلى دەپ تاپقان ئادۇۋكاتىم مۇرەسسەگە قاتناشماي تۇرۇپ ،قارشى تەرەپنىڭ ئادۇۋكاتى ھەم مۇرەسسە قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا تۈزۈشكەن:‹‹ بالا 18 ياشقا كىرگۈچە ئانىسى باقىدۇ ئاتىسى ھەر ئايدا 300كوي بىرىپ ‹ئەمەلىيەتتە 200 كويدىن كىلىشىپ 2قېتم كۈرىدىغانغا كىلىشكەن ،‹‹مۇرەسسەنامىغا كەلمىسەم ،سوتقا يوللىماسمىش ،يەنە بىر يىل مۇشۇنداق سۆرىشىپ يۈرۈشۈم كېرەكمش،ئايال كىشىنى رازى قىلمىسا ،ئاجرشقىلى بولماسمىش.‹سوتچىنىڭ گىپى››
لىكىن مەن كۈڭۈلچەكلەك قىلىپ 300 كوي بەرسەممۇ بىرەي ،ئەمما بالىنى ھەر ئايدا ،ھەر ھەپتە ئاخىرىدا كۆرسەتسە مەيلى دىسەم ،بولسا شۇنداق قىلىڭلا دەپ كىلىشتۈرۈپ قويدى،ئەتىسى كىىرسەم ،مۇرەسسە نامىگە ‹‹ئايدا بىرىشى 300كوي ،كۈرىشى 2قېتىم ،ئاپىسىنىڭ مىجەزىگە بېقىپ ›› دىپ يىزىپتۇ ،مەن :‹‹جېنىم سوتچى ماۋۇ يۈزسىز خوتۇننى مەن ئوبدان بىلىمەن ،پۇلىسىغا 300كوي دەپ يازغاندىكىن بالامنى ھەپتىدە كۈرىدۇ دىگەنگە ئۆزگەرتىپ بەرسىلە ››دىسەم سوتچى :‹‹ۋاي ئۇكام ئاشۇنداق يازىمىز ،ئاياللىرى ئۆزى دىدى،ئەمدى ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ ››مۇرەسسە نامىنىڭ پۇلىسىنى ئېلىپ ،شۇ قەغەزنى تۇتقۇزۇپ قويغان ،لىكىن ئۇ يۈزسىز خوتۇن دەسلەپ بىر ئايدا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى،كىيىن يەنە بۆرە تېرىسىنى كىيىپ:‹‹ بالىنى مىنىڭ رازىلىقىم بولغاندا ،چولام تەگكەندە كۈرىسەن ،بولمىسا كۆرسەتمەي باقىمەن ،سەن ھىچنىمە قىىلالمايسەن ،قانۇن دىگەن شۇ ،سىنىڭ پۇلۇڭنى ماڭا ئېلىپ بىرىدۇ،ئەمما بالامنىڭ ساڭا مىنىڭ رازىلىىقىمنى ئالالىساڭ ،ئاندىن كۆرسىتپ قويالايمەن ›› دەپ نۇرغۇن ئاقماس باھانىلار بىلەن بالىنى ماڭا كۆرسەتمەي كەلدى ،مەنمۇ مانا ئەمسە دەپ بېقىش پۇلىنى بەرمەي كەلدىم .
ئىشلار مانا مۇشۇنداق ،ماڭا پۇل بىرىش ئېغىر كەلگىنى يوق ،ئەمما بالىنى ماڭا كۆرسەتمىگەندە سوتچىغا ھەم ئادۇۋكاتىغا تېلفۇن قىلدىم :‹‹بالىنى بىر ئاي بولدى كۆرسەتمىدى ،قانداق قىلىشىم كېرەك ››دەپ ،لىكىن ئۇلار ‹‹قانداق قىىلسىلا ،قىلسىلا ئىشىمىز تۈگىدى ،گەپ قىلىپ قويارمىز يە ›› دەپ ،ئەمما كۆرسەتمىسە ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمەيدىغان سوتچىلار ئەمدى مەندىن پۇلنى ئېلىپ ئىجرا قىلىپ ،ئاۋۇ خوتۇننى رازا قىلىشقا ئالدىراپ كىتىپتىمىش،چۈنكى ئاۋۇ بېشەم خوتۇنغا پۇل بەك لازىم بوپتىمىش،ماڭا بالا لازىم بولغاندا ھىچنىمىگە دالدا بولالمىغان سوتچىلار ئەمدى ،پۇلنىڭ ئىشىغا كەلگەندە بەك ئاكتىپ بوپ كتىپتۇ ،ئاڭلىسام ئۇ بېشەم خوتۇن بەك ئاۋارە قىلىپ كېتىپتىمىش.....
توۋا ،مىڭ ئەپسۇس....مىنىڭ شۇنداق ئىسىمدە ،باشلانغۇچىتا ،تۇلۇقسىزدا قانۇننى دەسلەپ ئۆگەنگەندە‹‹دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا ،ھۇقۇقسىز مەجبۇرىيەت ،مەجبۇرىيەتسىز ھوقۇق يوق›› دەپ ئاڭلىغان ،كۆرگەن ،ئەمما ماڭا بۇ ئىشتا دۇچ كەلگىنى ھۇقۇقسىز مەجبۇرىيەت يەنى ‹‹بالامنى كۈرەلمىسەم كارى يوق ،بېقىش پۇلىنى ئېلىپ بېرىىشكە ئالدىراپ كەتكەن ،قانۇنى تەرتىپ››،توۋا مىڭ توۋا ،مىنىڭ بالام چارۋا ئەمەسقۇ ،يايلاققا ،ياكى باققۇچىغا بىرىۋېتىپ ،مۆھلىتى توشقاندا پۇلىسىنى ساناپ بىرىپ تاپشۇرۋالىدىغان ،ئىككى يىل بولدى كۆرمىدىم ،پۇلنى بىرەي ،ئەمما بالىنى مەنمۇ 2يىل ئۆزەم بىر بېقىۋالاي دىگەن ئەقەللىي تەلىپىممۇ يولسىزمىش ،ئەمما ئاۋۇ خوتۇننىڭ ئىككى يىل كۆرسەتمەي باققىنى يوللۇقمىش،مىنىڭ بالامغا دادا مىھرى بولمىسىمۇ ،پۇلنىڭ مىھرى بولسىلا بولارمىش( بۇ ئىشتىن ھىس قىلغىنىم).
پۇلىنىڭ مىھرى بىلەنلا جىق ئىش ھەل بولىدىغان جۇڭگۇرىمىزدا بۇ ئىشلارنىڭ كىيىنىكى ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىۋاتقىنى نۇرغۇن تورداشلارغا ئايان ،ئەمما ئاشۇ قانۇننىڭ ئىجراچىلىرى ماشىنا ئادەممىدۇ؟....
ئەمدى تورداشلار ،سىلەر ماڭا بىر يول كۆرسەتسەڭلار،زادى ئاشۇ ‹‹ ئەدىلىيە ئادىللىقى ۋە قانۇننىڭ نۇپۇزىنى قوغداش ،مەجبۇرىيەتسىز ھۇقۇق ،ھۇقۇقسىز مەجبىۇرىيەتلەرنى ››نۆۋەتتكى ئەھۋالدا قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
|
|