- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7121
- نادىر
- 0
- يازما
- 448
ئۆسۈش
  42.42%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-17 19:35
ھەي ئۇكام، ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى ئىمكان بار بىر تەرەپ باققىنى بالا ئۈچۈن ياخشى. مەيلى ئانا بېشەم بولسىمۇ، بالىنى ياخشى قوغداپ ياخشى باقسا بۇ بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە پىسخىك ھالىتى ئۈچۈن ياخشىراق، ھەر بىر قىتىم سىزنى كۆرسە يۈرىكىدە ئاتا مېھرىنىڭ شەكىللىنىشى قانداق بولىدۇ بۇمۇ بىر مەسىلە. قارىغاندا ئايالىڭىزنىڭ سىزگە راۋرۇس مېھرى بار ئىكەن. لېكىن سىز ئۇ ئايالنى قانداق ئايال قىلىشنى بىلەلمەي ئاخىرى ئاجرىشىپسىز.پەقەت ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادەمگىلا ئادەمدە ئەڭ چوڭ نەپرەت پەيدا بولىدۇ، بولسا بالىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ ،ئامال قىلىپ ئايالىڭىزنىڭ قەلبىدىكى نەپرەتنى ئىرىتىپ ئۇنى مۇھەببەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئايالىڭىز بىلەن كېلىشىڭ. سىزچە بالا ھەپتىدە بىر سىزنى كۆرسە،ئارقىدىن ئانىسىدىن دادام نىمىشقا بىز بىلەن بىللە تۇرمايدۇ دېسە، ئاخىرى ئانىسىنىڭ قېشىدىن سىزنىڭ قېشىڭىزغا قاچىدىغان يامان ئىللەتلەرنى ئۆگۈنىۋالسا،ئانىسىغا ھەم سىزگە يالغان سۆزلەپ چوڭ بولسا، ئىككىڭلار بىر يەردە بولمىغاندىكىن . چوڭايغانسىرى بالىڭىز قانداق ئادەم بولىدۇ، بۇنى بەكرەك ئويلاپ بېقىڭ.ئاتا بولغان كىشىگە بۈيۈك بىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بولىدۇ، بىر خوتۇن كىشىنىڭ ھازازۇللىقىنى كۆتۈرۈشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە,گەپكە كىرمىگەن ئۇنداق خوتۇننى دۇمباللاپ بولسىمۇ قىلىپقا سولاپ خوتۇن قىلىپ ئولتۇرمامسىز دەيمەن. |
|