- تىزىملاتقان
- 2012-12-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1952
- نادىر
- 0
- يازما
- 144
ئۆسۈش
  95.2%
|
dolanogli يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 00:39 
بولدى قىلىڭ تىما ئىگىسى بۇنداق ئائىلە ماجىراسىنى يولل ...
مۇنۇ ئىسىل سوت مەھكىمىسى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ بالىنى كۆرسەتمەي بېشەملىك قىلغان خوتۇنغا ھىچنىمە قىلالماي،مانا ئەمسە دەپ قۇيۇپ بەرسەم يەنە ماڭا كۈچى يەتكىنىگە نارازى بولىۋاتىمەن.سىزنىڭ بالىڭىز شۇنداق بوپ قالسا ،ھە ئاۋۇ مىنىڭ بالامكەن ،چوڭ بوپ قاپتۇ ھە...
بويى ئۈسۈپتۇ...دەپ يۈرىۋېرىدىغان ئوخشايسىز...
ئەدەپلىسۇن ،تەڭ ئەدەپلىسۇن ،بېشەمگە كۈچى يەتمىسە ،يۇۋاشنى بوزەك ئىتىپ ئەدەپلەۋەرمىسۇن ،بولمىسا ئادەم ئاشۇنداق نېرۋا بۇزۇلۇپ قالىدىكەن دەيمەن.
ئاۋۇ بالا ئالدى بىلەن بىر ئادەم ،دادىسى ھايات بىر بالا،نىمىشقا دادىسىنى كۆرسە بولمەيدىكەن.
ئۆزەم ھەقسىز ،شۇ ئايالدىنمۇ ياخشى بېقىپ كىتەلەيمەن...
شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە بوپتۇلا ئاجىرىشالماي سۆرىشىپ يۈرگەندىن ئاپىسى باقسىمۇ باقسۇن ،باققىنى بىكارغا كەتمىسۇن ،دەپ بىرەي دىسەم، ئالىمەن پۇلنى كۆرسەتمەيمەن بالىنى....دەپ ئاشۇنداق تەتۈرلۈك قىلىۋاتسا...
ئاۋۇ بالام قوي -كالا ئەمەس ،بېقىپ چوڭ قىلىپلا قويسا بولىدىغان،نىمىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ ،قانداق خۇي-مىجەزلەردە بولىۋاتىدۇ.بىلىپ تۇرمىسام ئەتە-ئۆگۈن شۇلارنىڭ خۇيىنى ئالسا قانداق تۈزەپ بولىمەن.روھىي سۇنۇق چوڭ بۇلۇپ قالسا ،قانداق قىلىمەن.....
|
|