- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2503
- نادىر
- 0
- يازما
- 249
ئۆسۈش
  16.77%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ehrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 16:36
«ئۈندىدار» دېگەن ئاتالغۇدا تېلېۋىزىيە، رادىئو قاتارلىق تاراتقۇلاردا، كىشىلەر ئاغزىدا ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولدى. بۇنى ئەمدى زادى «مىكرو خەت» دەپ ئاتايمەن دېيىش ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بەزىلەر دېگەندەك «ئۈندار» دەپ قىسقارتىۋېتىشمۇ توغرا ئەمەس. سەۋەبى، قىسقارتىش گەرچە سۆزنى ئەپلىك قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما تىل بايلىقىنى بۇزۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. تىل لۇغىتىدا مەنىسىز تەركىبلەر كۆپەيگەنسېرى، تىل ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ توغرىسىدا شەخسەن مەن «يۇمتال» دەپ قىسقارتىۋېتىلگەن ئاتالغۇغا قەتئىي قارشى. «-يۇم» دېگەن نېمە، «-تال» دېگەن نېمە، بۇ، سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتكەن.
دۇنيادىكى ھەر قايسى تىللارنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى، كەمچىلىكى بولىدۇ. تىلنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلمىغاندا، تىلدا بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، خەنزۇ تىلى سۆز ياساشقا ئەپلىك، ئىخچام تىل بولسىمۇ، ئەمما ئۇ «قېلىپ ئىچىگە كىرىپ قالغان بىر گاچا تىل». (ئارتۇقچىلىقىمۇ، كەمچىلىكىمۇ بار دېمەكچى) خەنزۇ تىلىدىكى ئىخچاملىقنى ئۇيغۇر تىلىغا سىڭدۈرىمەن دەپ، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى قىسقارتىۋېتىش تىل بۇزۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
«ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن» دېگەن بىر گەپ بار. توردىكى تىلشۇناسلىقتىن قىلچە خەۋىرى يوق بىر قىسىم «پروفېسسور، ئالىم» لار ئۆزىچە ئۇنى-بۇنى دەپ، ئاتالغۇلارغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ، ئاتالغۇلارنى خالىغانچە قىسقارتىپ، ئۆزىنى ئالىم چاغلاپ، «ئەمگەك مېۋىسى» نى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرۈۋاتىدۇ. بولسا، تىلشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىنچىكە ئىشنى يەنىلا شۇ ساھەدىكى كەسىپ ئەھلى قىلسۇن. ئۇيغۇر تىلىمىز زور خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆز ئىچىمىزدىكى «تىل شالغۇتلاشتۇرۇش» تىلىمىزنىڭ يوقىلىشىدىكى كاتالىزاتور بولۇپ قالمىسۇن. |
|