- تىزىملاتقان
- 2011-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1407
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
  40.7%
|
samawar يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 20:40 
رەھمەت قىرىندىشىم شۇنداق ياخشى ئىزدىنىپسىز ،ئەجىرىڭى ...
مۇنازىرىدە مۇنداق بىر قائىدە بار، يەنى ھەرئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز نوقتىنەزىرىنى شەرھىلەشنى ئاساس، قارشى تەرەپنىڭ سۇئاللىرىغا چۇشەنچە بېرىشنى قۇشۇمچە قىلىدۇ. قايسى تەرەپ بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇقائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆز نوقتىنەزىرىنى شەرھىلەشنى قۇشۇمچە، قارشى تەرەپنىڭ سۇئاللىرىغا چۇشەنچە بېرىشنى ئاساس قىلىدىكەن مۇنازىرىدە مۇقەررەر ئۇتتۇرىدۇ!
تىلنىڭ تەرەقىياتى ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمۇ مەلۇم مەنىدىن مۇشىنىڭغا ئوخشايدۇ. بىر تىل ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققى قىلىشنى ئاساس، كىرگۈزمە ئاتالغۇ تەرجىماللىقىنى قۇشۇمچى قىلغاندا ئاندىن ساغلام تەرەققى قىلىدۇ، ئۈنداق بولمايدىكەن تىلدا قالايىمقانچىلىق يۈز بېرىدۇ. بىز مەدىنىيىتىمىزگە ماس بولمىغان ئاتالغۇلارنى زورۇقۇپ خەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلساق بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئىنساپ» سۆزىنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغىلى بولمىغاندەك بىر ئىش!
بىراق نوۋەتتە تىلىمىزنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققى قىلىشى بولسۇن ياكى كىرگۈزمە ئاتالغۇ تەرجىماللىقى جەھەتتە بوسۇن تەرەقىياتىمىز ناھايىتى ئاستا بولماقتا!
بۇ مۇشۇ يازما ئىگىسىدەك ئىزباسارلارنىڭ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىشىنى ۋە داۋاملىق، چوڭقۇر ئىزدىنىشىنى تەقەززا قىلماقتا! |
|