ئۆمەرجان ھەسەن(بوزقىر) ئاكىغا تەسەللىنامە
قەيسەر مىجىت
كەلمەكنىڭ كەتمىكى بار ھەر ئىنسانغا،
مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى بولسۇن جەننەت.
كۆرۈشمەي سىرداش بولغان-بوزقىر ئاكا،
ماڭىمۇ ئورتاق بولدى بۇ مۇسىبەت.
يىراقتىن باش ئىگىدۇ قەيسەر مىجىت،
بىلدۈرۈپ ئانىڭىزغا يۈكسەك ھۆرمەت!
ئۇ ئانا - ئۇلۇغ ئانا، مىللەت ئۈچۈن،
شۇڭقاردەك ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەرگەن.
غۇرۇرى، دىيانىتى ۋىجدانىنى،
دان قىلىپ چېچىپ بەرگەن، تەربىيلىگەن.
ئۇ ئانا-پەرشتىدەك سۈپەتكە باي،
ئاۋامنىڭ ئېغىزىدا تەرىپلەنگەن.
مەن شۇنداق ئانىلارنى ئانام دەيمەن،
ئۇلارنىڭ ئايىغىغا باش قويىمەن.
جىگەرلىك ئاتىلارنى ئاتام دەيمەن،
ئۈلارنىڭ كەتكىنىگە ياش تۆكىمەن.
ئەلنى دەپ جاپا چەككەن شۇ چوڭلارنىڭ،
روھىغا دۇئا قىلىپ سىغىنىمەن.
ئەل ئۈچۈن ئەركەك بەرگەن ئانا ئۈچۈن،
باغداشتا ئىخلاس بىلەن ئاچتىم ھازا!
كەمىنە ئىنىڭىزنىڭ بۇ سۆزلىرى،
.تەسەللى بولغاي سىزگە بوزقىر ئاكا.
سېزىمەن يۈرەكتىكى يېغىڭىزنى،
چۈنكى ئۇ -دۇنيادىكى كاتتا ئانا !
2014 - يىلى 12--مارت، ئامىرىكا، بوستون شەھرى
|