- تىزىملاتقان
- 2012-8-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2903
- نادىر
- 0
- يازما
- 79
ئۆسۈش
30.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا marshal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-15 15:58
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەيسەر مىجىت ئاكا،ياخشى تۇرۋىتامسىز؟خىزمىتىڭىز كۆڭۈللۈك كېتىپ بېرىۋىتامدۇ؟
مەزكۇر شېئىرىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن ئۈندىدارىمدىكى دوستلۇق چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويغان ئىدىم. ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكام تەسەللىنامىنى كۆرگەندىن كېيىن سىزگە چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى. مەرھۇمە ھۆرىخان ئانىمىزغا يازغان مەزكۇر شېئىرىڭىز ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكامنىڭ قايغۇلۇق قەلبىگە زور تەسەللى بولغانلىقىنى ماڭا يەتكۈزدى.
شاھتۇر تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئادىلجان ئاكام بوزقىر ئاكىنىڭ تېمىسىغا ھۆرىخان ئانىمىزنىڭ رېھلەت قىلغاندىكى خەۋەرنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ تورداشلارنى خەۋەرلەندۈرۈشى بىلەن مۇنبەردىكى ‹‹كىتابخۇمار››دېگەن ئەزا مىسرانىم،باغداش،شاھتۇر قاتارلىق تور بېكەتلەردە ئايرىم تېما قىلىپ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ ئانىسى ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزگەن.
مەرھۇمە ھۆرىخان ئانىمىزنىڭ مېيت نامىزىغا نۇرغۇن كىشىلەر يېتىپ كېپتۇ.مېيت نامىزىغا قاتناشقان دوستلارنىڭ دېيىشچە،مېيت نامىزىغا قاتناشقان ئادەملەر نەچچە مىڭ بولۇپ ،يوللاردىكى توختىتىلغان ماشىننىڭ ئايىغىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىكەن.مەرھۇمە ئانىمىز مۇزات ۋادىسدا ئۇزۇن يىل ماكان تۇتۇپ،بوز كەنتىدە ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىردەك ئەل سۆيگەن،ئەلنىمۇ سۆيگەن زىيالىينى تەربىيلەپ قاتارغان قوشقان.
2013 -يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى خالىدە ئاپپاينىڭ <<كەچمىش>>رومانى توغۇرلۇق ئىلىم چېيى ئۆتكۈزۈلدى.شۇ كۈنى ئەتىگەن مەن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسغا بېرىپ مەرھۇمە ھۆرىخان ئانىمىزنى يوقلىغان ۋە دىدارلاشقان ئىدىم.مەرھۇمە ئانىمىزنى كېسەل ئازاپى خېلىلا قىيناپ قويغان ئىكەن.مەرھۇمە ئانىمىزنىڭ قولىدا تەسۋى تۇراتتى.شۇ ۋاقىتتا ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكام بىلەن سىڭلىسى مەرھۇمەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىل تۇرۇپتىكەن.مەرھۇمە ئانىمىزنىڭ يۈزىدە يىللارنىڭ ئىزناسى بولغان قۇرۇقلار جىلۋىلىنىپ تۇراتتى،كېسەل ئازابى بىلەن چىرمىۋالغان ئاغرىق سەۋەبلىك مەرھۇمە ئانىمىز ئۇرۇقلاپ كەتكەن ئىكەن.شۇ ۋاقىتتا ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكام دوختۇرخانىدا ئىجارىگە ئالغان ئادەتتىكى كارۋاتتا يېتىپ مەرھۇمە ئانىسنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئىكەن.ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكام بىر تەرەپتىن ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ،يەنە بىر تەرەپتىن چامدانلىق كومپىيۇتۇر،قەغەز،قەلەمگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر جەمىيتىگە ئەڭ زۆرۈر بولغان تېما ئۈستىدە ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىۋاتقانلىقىنى،كېچىنى كۈندۈرگە ئۇلاپ يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم.بىلىمخۇمار ئاكىمىز ئېيتقاندەك،ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش ئۆزىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى چاغلايدىغان ھەربىر كىشىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتۇر دېگەن چۈشەنچىسى بويىنچە خىزمەت ئىشى بىلەن مەشغۇل بولغىلى تۇرۇپتىكەن.مەرھۇمە ھۆرىخان ئانىمىزنىڭ ۋاپات بولغاندىكى خەۋىرى قۇلاققا يەتكەندىن كېيىن،مەنمۇ ئازاپلاندىم.مەرھۇمە ئانىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ دىدارلاشقاندىكى ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدىم.مەرھۇمە ئانىمىزنىڭ ئاخىرەتلىگى ئاسان بولسۇن.مەرھۇمە ئانىمىزغا جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن.
ئۇيغۇر خەلقى ھەر ۋاقىت خەلق ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلغان،ئەلنىڭ غېمىنى قىلىپ ياشاۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانلىرىنى چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلەپ كەلگەن.مەرھۇمە ئانىمىزنىڭ مېيت نامىزىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلار،يولنى يىراق كۆرمەي كەلگەن نەچچە مىڭ كىشىنىڭ مېيت نامىزى ۋە ئۆلۈم پەتىسىگە قاتنىشىشى ئۇيغۇر مىلىتىدىكى ئۇيۇشقاقلىق،ئىتىپاقلىقنىڭ روشەن دەلىلى.
ھۆرىخان ئانىمىز گەرچە بىر ئۆمۈر مۇزات ۋادىسىدا دېھقانچىلىق ھاياتى بىلەن مەشغۇل بولغان بولسىمۇ،ئۇزۇن يىللىق ھايات مۇساپىسىدە ۋەتەنگە،مىللىتىمىز ئۇيغۇرغا ياراملىق قىز-ئوغۇللارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ قاتارغا قوشالىغان.ئانا دېگەن سۆزنى پەرزەنت قەلبىگە تامغا قىلىپ باسالىغان.شەرق ئاسمىندىكى جۇلالاپ چاقنىغان مەختۇمسۇلا،شەپقەت ھەمشىرى رىزۋانگۈل،يەتتە قىزلىرىم ،مەلىكە ئاماننىساخانغا...ئوخشاش ئۆز قەدىر-قىممىتى،دىيانىتى،پاك ئەقىدىسى بىلەن ياشاپ جاھاندارچىلىق قىلغان.شۇڭا،ئۇ يالغۇز ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ ئانىسى بولۇپلا قالماي،پۈتكۈل ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۈگۈت ئالغۇدەك پەزىلەتلىك،بىر قولىدا بۆشۈك،بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەتكەن ئەڭ سۆيۈملۈك ئانا...بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئانىسى...
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكام بارلىق تورداشلارغا چوڭقۇرئوتلۇق سالىمىنى يوللىدى ھەمدە تور دۇنياسىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تېپىپ مەرھۇمە ھۆرىخان ئانىمىزنىڭ مېيت نامىزىغا قاتناشقان ۋە پەتىگە بارغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت بىلدۈردى. |
|