- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31825
- نادىر
- 18
- يازما
- 1022
ئۆسۈش
  54.56%
|
ھۆرمەتلىك قەيسەر ئىنىم ، سىزگە شۇ تاپتا قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي تۇرىمەن.كۆزلىرىمدە لىق ياش، قەلبىمدە ئېيىتقۇسىز ئازاپ...شۇ تاپتا يېنىمدا بولسىڭىز مۆرىڭىزگە ئېسىلىپ تۇرۇپ قېنىپ-قېنىپ يىغلىۋالغان بولسام...
تەسەللىنامىڭىزدىن مۇسىبەتلىك كۈنلەردە خەۋەر تېپىپ زور تەسەللىلەرگە ئېرىشتىم.شۇنچە كۆپ ئادەم دېڭىزىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ ئۆينىڭ كەينىدىكى باغقا ئۆتۈپ ، سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش تەسەللىنامە پۈتكەن ،تېلېفون ئۇرۇپ ئىنكاس يېزىپ سەبرى تىلىگەن ، ئىنكاسلىرىدا رەھمەتلىك ئانامنىڭ ئۇ دۇنيالىقىغا خەيىرلىك تىلىگەن قېرىنداشلىرىمغا ئىچىمدە چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈردۈم .
تەسەللىنامە ھەققىدە يىراق-يېقىندىكى دوسلار تېلېفون قىلىپ مېنى خەۋەرلەندۈردى ھەم ئۈندىدارىمغا يوللاپ بېرىشتى. بۇ تەسەللىنامىنى كۆرۈپ نۇرغۇن قېرىنداشلار مۇسىبەتتىن خەۋەر تېپىپ يېتىپ كېلىشتى، تېلېفون ئۇرۇشتى ، ئۇچۇر قىلىشتى....باشقىلارنىڭ كېيىن دەپ بېرىشىچە ناماز كۈنى يولنىڭ ئىككى يېنىغا توختاپ كەتكەن ماشىنىلارنىڭ ئايىقىغا كۆز يەتمەپتۇ...
مەن مەرھۇم ئانام ھەققىدە بىر ئەسلىمە يېزىشنى ئويلىشىۋاتقان بولساممۇ ئەمما، قولۇم ھازىرچە قەلەمگە بارمىدى. يېزىپ قالسام بۇ تەسەللىنامىڭىز باشقا ئىزگۈ تىلەكلار قاتارى ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ. شۇنداقلا ئائىلىمىزنىڭ شەجەرىسىگىمۇ كىرگۈزىلىدۇ.
كەيپىياتىم تۇراقلاشمىغاچقا كۆپ نەرسىلەرنى يېزىشقا ئامالسىز قېلىۋاتىمەن. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك رەھمەت ئېيتىپ تۇراي.
رەھمەت سىزگە. |
|