- تىزىملاتقان
- 2012-10-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4104
- نادىر
- 0
- يازما
- 469
ئۆسۈش
70.13%
|
توۋا ! بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىغا ... ئىسمىنىمۇ توغرا يازالمىغان urkesh (ئۇركەش) دەپ بىرسى بىلىمخۇمارنى يېقىنقى يازمىلىرىدا «ئاساسەن مۈجىمەل ۋە ساددا پىكىر قىلىپتۇ»، «كەسپى ئارتۇقچىلىغىڭىز ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىگىڭىزگە يارىشا بىر نوپۇز ۋە ئورۇن تىكلەشكە تىرىشىشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن. سىزنىڭ دىن، مىللىيەت ئىجدىمائىيەت تېمىلىرىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز سىزنىڭ چىگرىسىز نوپۇز چۈشەنچىڭىزنىڭ سايىسىدە پۈچەكلىشىش ۋە ئۈنۈمسىزلىشىشى بىلەنلا قالماي يەنە بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ئەسلى ھازىرلىغان كەسپى سالاھىيەت ـ نوپۇزىڭىزنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىشىمۇ مۈمكىن.» دېسە (گەرچە بىلىمخۇمار«كۆپ ئويلۇنۇش ئارقىلىق مەن كېيىنكى يولنى تاللىدىم. مېنىڭچە مىللەتكە مەنپەئەت بېرەلمەيدىغان ئابروينىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوق.» دەپ تۇرسىمۇ )، oqut دىگەن يەنە بىرى«بىرنىمە قازى دىگەن موللامنىڭ تەبلىغىىدىن تەسىرلىنىپ يازغان يازمىڭىز»، «ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر مىللەتنى دىن ئارقىلىق تەرەققى قىپتۇ دەپمۇ ئاڭلمىدۇق»، « شۇڭا مىللەتكە نىسى بىلەن ئەمەس نەخ كەشپىياتلىرىڭىز بىلەن كۈچ بەرسىڭىز...» دىيىش ئارقىلىق بىلىمخۇمارنىڭ « ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ بىردىن-بىر يولى، ئۆز ئىمانى ، ئېتىقاتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىلىم ئىگىلەش.» دىگەن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر چوڭقۇر قايىللىق ۋە ھۆرمەت بىلەن قۇبۇل قىلىدىغان مۇپەسسەل يەكۈنىگە، دەۋىتىگە قايىل بولمايلا قالماستىن، ھاياسىز، تۇترۇقسىز گەپ ـ سۆزلىرى ئارقىلىق ئالىمغا قاتتىق ھۆرمەتسىزلىك قىلغان. ھەتتا، دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئىدىيە، كۆز-قاراشلىرىنى نامايىش قىلىپمۇ ئۈلگۈرگەن . « قوڭامدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجانبۈۋى » دىگەندەك ئۆزىنى سورىماي تۇرۇپ، ئالىملارغا ئۈمىد ئارتىدىغان، يول باشلايدىغان، ئالىملارغا ئالىملىق قىلىدىغان جانابلارنىڭ كىملىكىنى، يۈكسەك نوپۇزىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى بىر بىلگەن بولساق ھە؟!... ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار، بۇنداق پاسسىپ ئىنكاسلارغا ئۆزىڭىزنى ئۇپراتمايلا قويۇڭ! نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داننى ساماندىن ئايرىپ، روھىيتىنى، مەنىۋىيىتىنى بېيىتىپ كەلگەن خەلقنىڭ نېمىنى قۇبۇل قىلىپ، نېمىنى تاشلىۋەتكۈچىلىكى، ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچىلىكى بار. بۇلارنىڭ قۇسۇرچىلىقتىن باشقا كارغا كەلگۈدەك دەسمايىسى بولسا، خەلقىنى توغرا يولغا باشلىغۇدەك ئىقتىدارى، نوپۇزى، سالاھىيتى بولسا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بىر-ئىككى جۈملە ئىنكار سۆزلىرىنى دەپ يوقاپ كەتمەي، ھەممىنىڭ كۆڭلىنى لال قىلالىغۇدەك نەرسىلىرىنى ئەكەلسۇن ! بولمىسا شۇم بۇيا بولماي، غىت قىسسۇن ! بۇلارنىڭ قانداق ئۇيغۇرلىقىدىن ئادەم شۈبھىلەنمەي، نومۇس قىلماي، غەزەپلەنمەي تۇرالمايدۇ ! |
|