- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7121
- نادىر
- 0
- يازما
- 448
ئۆسۈش
  42.42%
|
jallatbala يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 18:46 
[quote]دوكتۇر،ئالىم بىلىمخۇمارنىڭ ماقالىسى ئۈچۈن يەنە بى ...
بۇ ئىنكاسىڭىز مەسخىرىمۇ، تەنىمۇ، ئاگاھلاندۇرۇشمۇ؟ ھىچ چۈشەنمىدىمغۇ؟ ئەگەر ماڭا بولغان تەنبىھ ۋە نەسىھەت بولسا ،سىز ئۆچۈن كۆپ رەھمەت ، قېرىنداش قېرىنداشنىڭ ئەينىكىدۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ئەگەر باشقىچە ئويلاپ بۇ ئىنكاسنى يازغان بولسىڭىز ،ئۇنداقتا مەن ئىنساننى كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى، ئىنساننىڭ نىمىدىن يارىتىلغانلىقىنى بىلمەيدىغان كاپىر ئەمەسمەن،شۇنداقلا سىز ئويلىغاندەك شەيتانمۇ ئەمەسمەن. ئۆز پەرۋەردىگارىمنى قانداق ماختاشنى، قانداق مەدھىيە ئوقۇشنى،ۋە ئۇنى قانداق ئۇلۇغلاشنى ئىنشائاللا بىلىمەن. پەرۋەردىگارىمىز اللەنى مەدھىيلەشكە دېڭىزلار سىياھ زېمىندىكى دەرەخلەر قەلەم بولغان تەقدىردىمۇ تولۇق مەدھىيلەشكە ئەلۋەتتە قادىر ئەمەسمىز. مېنىڭ خۇدانىڭ ئىلىم بىرىلگەن بىر ئاجىز بەندىسىنى پاساھەتلىك تىل بىلەن ماختىغىنىم سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇ بەندىنى خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇندا كۆرگەندەك ھىس تۇيغۇغا كەلتۈرگىنىدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم،شۇنداقلا ئىككىمىزنىڭ ئىلاھىمىز بىر ئەمەسمىدۇ دەپ قالدىم، مېنىڭ ئىلاھىم يىگانە ئىلاھ ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىدىكىنى بىلگۈچىدۇ، قاراڭغۇ كېچىلەردە قارا تاش ئاستىدىكى چۈمۈلىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭغا مەخپى ئەمەستۇر. ئىنساننىڭ دىلىغا كەچكەن سىرلار، ئۇنىڭغا بولغان ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن مەدھىيەلەر بولسۇن ياكى ئۇنىڭغا بولغان ئاسىيلىق تۇيغۇلىرى بولسۇن ئۇنىڭغا ھىچبىر مەخپى ئەمەستۇر،ئۇ كۆرۈپ تۇرغۇچى، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر،ھەممىدىن دانادۇر، ھەممىدىن ئالىمدۇر، سۇبھاناللا. |
|