- تىزىملاتقان
- 2013-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1501
- نادىر
- 0
- يازما
- 83
ئۆسۈش
  50.1%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلىمخۇمار ئۇستاز ۋە ئارقانىي قېرىندىشىم.
مەنمۇ بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ئىككى ماقالىسىنى قايتا-قايتىلاپ ئوقۇدۇم ۋە بۇ ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ئەرەبچىدىن كۆرۈپ چىقتىم. ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ «ۋاقىئۇنەل مۇئاسىر» «بىزنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىمىز» ناملىق كىتابىدىكى بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆردۈم. بىلىپ يەتتىمكى، ئىككى ئالىم، ئىككى مۇتەپەككۇر گەرچە ئۇچراشمىغان بولسىمۇ ئەمما مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە جاۋاب تېپىش باسقۇچلىرى دېگۈدەك يىقىنلىشىپتۇ.
مەن شۇ ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كېيىن ھەممىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر تەسىرات ماقالىسى يېزىش كويىدا بولغان ئىدىم. ئەمما ئارقانى قېرىندىشىمىز ناھايىتى قىسقىچە، مېغىزلىق قىلىپ مەزكۇر ماقالىنى يوللاپ بوپتۇ. بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يازغانلىرى مەن يازماقچى بولغانلىرىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى ئىكەن. شۇڭلاشقا مەنمۇ ئارقانىي قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىنى قوللايمەن. ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئاللاھتىن بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ۋاقتىغا بەرىكەت، ئائىلىسىگە ئامان-ئېسەنلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ئەقىل كۆزىگە تېخىمۇ سۈزۈكلۈك، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت - سائادەت تىلەيمەن... |
|