- تىزىملاتقان
- 2013-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1211
- نادىر
- 2
- يازما
- 80
ئۆسۈش
21.1%
|
7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى››دا گېرمانىيە پەيلاسوپى فرېدرىخ نىچشىنىڭ
‹‹زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ››ناملىق مەشھۇر ئەسىرى مۇھاكىمە قىلىندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بارلىق ئىلىمخۇمار دوستلار، ‹‹ئىلىم چېيى›› ئۇيغۇرلارنىڭ سورۇن مەدەنىيىتى، شۇنداقلا نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدىكى بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە 2013-يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە يەتتە قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جەرياندا جەمئىيەتتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلار، كىتابخۇمار، ئىلىمخۇمار دوستلار، نەشرىياتچىلار، ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ئاكتىپ ئىنكاسلىرىغا مۇيەسسەر بولدى. بىز تەڭرىتاغ مۇنبىرى ۋە ‹‹ئىلىم چېيى››غا ۋاكالىتەن بۇ يېڭى ھادىسىگە ئاكتىپ ئىنكاسلارنى بەرگەن، يېقىندىن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن دوستلار سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز .
‹‹ئىلىم چېيى›› داڭلىق ناتىق، جەمئىيەتشۇناس، ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ‹‹ئىلىم چېيى›› دىيارىمىزدىكى نوپۇزلۇق نەشرىياتلار تەرىپىدىن قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان ئىلمىي ئەسەرلەرنى، ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان تەتقىقات ئەسەرلىرىنى، پەلسەپەۋى ئەسەرلەنى مۇھاكىمە قىلىشنى پىرىنسىپ قىلغان، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئەستايىدىل ئوقۇرمەننىڭ سانىنى كۆپەيتىش، يەنە ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش، ھەممەيلەن كىتاب ئوقۇيدىغان ئاكتىپ كەيپىيات يارىتىشقا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان.
فرېدرىخ نىچشى گېرمانىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ، كىلاسسىك شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ‹‹تىراگېدىيەنىڭ تۇغۇلۇشى››، ‹‹زامانغا ماس كەلمەيدىغان مۇلاھىزىلەر››، ‹‹ئادىمىيلىك، زىيادە ئادىمىيلىك ـــ ئەركىن روھقا ئاتالغان كىتاب››، ‹‹مالىماتاڭ پىكىر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر››، ‹‹سەيياھ ۋە ئۇنىڭ سايىسى››، ‹‹شادىمان ئىلىم››، ‹‹زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ››، ‹‹ياخشىلىق ۋە رەزىللىكنىڭ ئارىلىقىدا››، ‹‹ئەخلاق شەجەرىسى››، ‹‹قاراڭلار، بۇ ئادەمگە››، ‹‹ھوقۇق ئىرادىسى ـــ بارلىق قىممەتلەرنى قايتىدىن باھالاشقا ئۇرۇنۇش›› قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلىرى بار.
7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى››دا، فرېدرىخ نىچشىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغا مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان ‹‹زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ›› ناملىق ئەسەر مۇھاكىمە قىلىندى. سۆھبەتداشلار ئەسەر توغرىسىدا ھەر خىل نۇقتىدىن ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى، ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ تەسىراتلىرى ياكى كۆزقاراشلىرى مەيلى بەلگىلىك چوڭقۇرلۇق ھاسىل قىلغان بولسۇن، مەيلى ئاددىي ھالدىكى چۈشەنچىلەر بولسۇن، يەنىلا ئاشۇ ئەسەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ، كىتابقا، ئىلمىي ئەسەرلەرگە بولغان قىممەتلىك روھىنىڭ ناماياندىسى.
بۇ قېتىم ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ئورۇننىڭ شارائىتى، شۇنداقلا سۈرەتكە ئېلىش، كىرىشتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ بىرقەدەر جىددىي بولغانلىقى سەۋەبلىك بەزى سەۋەنلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇنداقتا، 7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى››دىكى ‹‹زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ›› ناملىق كىتاب ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر ھۇزۇرۇڭلاردا بولسۇن!
7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى››غا قاتناشقان سۆھبەتداشلار ئىسىملىكى
1. زۇلپىقار بارات ئۆزباش ـــ ناتىق، جەمئىيەتشۇناس، ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ يىگىت بېشى. ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى
2. ئەركىن ئىبراھىم پەيدا ـــ شائىر، شىنجاڭ ‹‹ئۆگەن›› كىتاب تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى
3. كۈرەش بارات ـــ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹بىر كىتاب ـــ بىر ئالەم›› پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى
4. كۈرەش ھاشىم ـــ مۇدىر ئادۋوكات، شىنجاڭ ‹‹راۋان›› ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى
5. ئىلھام تاھىر ـــ يازغۇچى، شىنجاڭ سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسى
6. مەمەتجان ئابدۇكېرىم ـــ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى
7. ئابلىمىت ئابدۇللا ـــ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹مۇنبەت تۇپراق›› پىروگراممىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى
8. قەيسەر ئابلەت ـــ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر مەركىزىنىڭ مۇھەررىرى
9. توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي ـــ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مۇھەررىرى، مۇخبىر، رىياسەتچى، ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ رىياسەتچىسى
10. ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر ـــ ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى
11. ئابدۇغېنى توختى توغرۇلتېكىن ـــ ئۈرۈمچى ‹‹توغرۇلتېكىن›› كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى
12. نۇرمۇھەممەد رېشىت ـــ قاراماي ‹‹خۇاتو›› ئالتۇن كېنىنىڭ گېئولوگىيە ئىنژېنېرى (قارامايدىن ئالاھىدە كەلگەن)
13. كامال ئابدۇرېشىت ـــ ئۈرۈمچى يۈكسىلىش كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى
14. بەختىگۈل ئىمام ـــ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى
15. ئەختەرقىز ـــ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى
16. ياسىنجان ئابدۇۋەلى ـــ ياش يازغۇچى (كورلىدىن ئالاھىدە كەلگەن)
17. ئابدۇۋەلى ئابدۇشۈكۈر ـــ شائىر، يېتىلىۋاتقان رىياسەتچى
18. ئابدۇلئەزىز ئىسكەندەر ـــ شىۋېيتسىيە ئاتلاس كوپكو سانائەت گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ تېخنىك ئىنژېنېرى
19. ئابدۇغوپۇر ئابدۇراخمان ـــ ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ كاتىپى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي مەكتەپ رايونى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىدىن
20. مەمەتجان ئابدۇۋەلى ـــ شىنجاڭ ئىلىم-پەن، ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى
خاتىرە سۈرەتلەرنى تەپسىلى كۆرمەكچى بولسىڭىز مەنبە:
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=15830
|
|