- تىزىملاتقان
- 2013-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3487
- نادىر
- 0
- يازما
- 311
ئۆسۈش
  49.57%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-22 18:56
«زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ»دىن پارچىلار:
1.مايمۇن ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك نېمىتى؟ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۈلكىلىك تۇغقىنى ياكى نومۇسى.ئادەممۇ ئەۋلىياغا نىسبەتەن شۇنداق ئەمەسمۇ؟
2. قېرىنداشلار،سىلەردىن پەقەت زېمىنگە سادىق بولۇشنىلا ئۆتۈنىمەن،زېمىندىن ھللقىش ئارزۇسىدا بولغانلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەڭلار!
3. قېرىنداشلار،قېنى ئېيتىڭلارچۇ،تېنىڭلار روھىڭلارغا قانداق ئىپادىدە بولۈۋاتىدۇ؟ روھىڭلار نامراتلىق، ئىپلاسلىقتىن خالىيمۇ ياكى نادانلارچە قانائەتتىمۇ؟
4. مەن ئەخلاققا ئارتۇقچە باش قاتۇرمايدىغان كىشلەرنى سۆيىمەن،بىر ئەخلاق ئىككى ئەخلاقتىن ئەۋزەل،چۇنكى ئۇ خىل ئەخلاق تەقدىر ھالقىسىغا تېخىمۇ يېقىن.
5. مەن ئاۋۋال ئىشلەپ ئاندىن سۆزلەيدىغان،ھەركىتى ۋەدىستىنمۇ چىڭ كىشلەرنى سۆيىمەن.چۇنكى،ئۇلار ئۆزىنىڭ تاكاموللۇقىنى ئىزدەيدۇ.
6.مەن كېلەچەكنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ،ئۆتمۈشىگە توۋا قىلغانلارنى قۇتقۇزالايدىغان كىشلەرنى سۆيىمەن،چۇنكى،ئۇلار كۆزئالدىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن جېنىنى ئايىمايدۇ.
7.ئەركىنلىكنى قولۇڭغا ئال،مەسئۇلىيەت دېگەن ئىبارىنى ئىلاھلارچە رەت قىل.بۇنىڭ ئۈچۈن،،ئەي قېرىنداشلار،سىلەرگە شىر روھى كېرەك.
8.ئۇخلاش ئاسان ئىش ئەمەس،كۈندۈزلىرى سەگەك يۈرگەندىلا،كېچىلىرى بەھۇزۇر ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
9.ھەسەتخور ئادەم بىر چايان،ئۇنىڭ نەشتىرى ئاخىر ئۆزىگە سانجىلىدۇ.
10.ئادەم بىلەن دەرەخ ئوخشاش.ئۇ پارلاق يۈكسەكلىككە قاراپ قانچىكى ئۆسسە،يىلتىزىمۇ قارا تۇپراققا-رەزىللىككە شۇنچە چوڭقۇر پاتىدۇ.
11.دۇشمىنىڭلاردىن نەپرەتلىنىڭلاركى،ئۇلارنى كەمسىتمەڭلار؛دۇشمىنىڭلارنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىڭلار.شۇ چاغدىلا،دۇشمىنىڭلارنىڭ ئۇتۇقى سىلەرنىڭ ئۇتۇقۇڭلار بولىدۇ.
12.دۆلەت شەپقەتسىز مەخلۇقلار ئىچىدە ئەڭ شەپقەتسىزى.ئۇ شەپقەتسىزلىك بىلەن ئاۋامنى ئالدايدۇ:«مەن دېمەك دۆلەت،مەن دېمەك مىللەت»-
13.ياخشى-يامانلىقلار ھەققىدە ھەرقانداق بىر مىللەتتە باشقا مىللەتلەر چۈشەنمەيدىغان ئىبارىلەر بولىدۇ. |
|