- تىزىملاتقان
- 2014-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 146
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
  48.67%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا menjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 03:06
ئۈستۈن ئادەم دېگەن سۆز بىلەن ھالقىما ئادەم دېگەن سۆز ئادەتتىكى نەزەردە بەك پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن سۆزگە بولغان تۇيغۇنلۇق ھەم بىر پۈتۈن ئەسەرنىڭ مەزمۇنى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئەڭ كىچىك پەرقتىمۇ ئەستايىدىل بولۇش كېرەك دەپ قارايمەن.
نىچې (نىچېنىڭ كۆز يېشى دەپ ئۆزتىلىدا بىر كىنو بار، ئۇنىڭدا نىتزى ئەمەس، نىچې دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئۈستۈن(ھالقىما) ئادەم ئىدىيىسى ئاجىزلار توپىدىن، ئەنئەنىۋى ئەخلاقتىن ھالقىش كۆزلەنگەن بىر ئىدىيە. يەنى خۇدانىڭ خەيرىخاھلىقىغا ئېرىشىدىغان ئاجىزلار، خۇدا ياراتقان ئەخلاقنى بىكار قىلىپ ، ھەتتا خۇدانى ئۆلتۈرۈپ ئاتالمىش ئۈستۈن (ھالقىما)ئادەمنى خۇدانىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ دۇنيانىڭ ئەخلاق سىستېمىسىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىدىيە بولۇپ، بۇ ئىدىيە ھازىرقى بارلىق ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى، بارلىق قېلىپ ۋە نەزەرىيىلەرنى بىكار قىلىپ، قېلىپسىزلاشتۇرۇش، نەزەرىيەسىزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان پوستمودېرنىزمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بۇلىقىدۇر.
مەن ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننى ھۆرمەتلەيمەن، نەزىرىمدە ئۇستازنىڭ تىل تۇيغۇسى ۋايىغا يەتكەن ئىدى، لېكىن ئۈستۈن(ھالقىما)ئادەم ئاتالغۇسىدا ھازىرغىچە ئۆزىمۇ بىر قارارغا كېلەلمەيۋېتىپتۇ.
بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك پىكىر قاتناشتۇرۇپ قويۇشنىلا لايىق تاپتىم، ھەممىمىزگە تېنچلىق، ساغلام كەيپىيات، ساغلام ۋاقىت يار بولغاي....
|
|