- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3256
- نادىر
- 1
- يازما
- 218
ئۆسۈش
  41.87%
|

قىزىمنىڭ دۇدۇقلاش كىسىلىگە مەسلىھەت بەرسەڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداشتىكى ئەزىز قىرىنداشلار،ئازراق بىر ھاجەت بىلەن بۇ تىمىنى يولىدىم.مەسلىھەت بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
قىزىم بۇ يىل بەش ياشقا كىردى.باشقا جەھەتلەردىن ئاساسەن نۇرمال،لىكىن گەپ قىلغاندا سەل دۇدۇقلايدۇ.يىشىغا تىگىپلا تىلى چىققان،بۇ ئالامەت ئۈچ ياشقا كىرگەندە كۆرۈلۈشكە باشلىغان،دوختۇرغا كۆرسەتسەك،بىر-ئىككى ئىغىز گەپ سوراپ بىقىپ،‹‹بالاڭ نۇرمالكەن،ئەنسىرىمە،چوڭ بولغاندا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ››دويدۇ.تىۋىپقا كۆرسىتىپ باقتۇق،تىۋىپمۇ ئىنىق بىر نەرسە دىيەلمىدى.دورىخانىلاردىكى دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كالتىسى،سىنىك تولۇقلايدىغان دورىلارنى بەردۇق ،ھىلىھەممۇ بىرىۋاتىمىز.لىكىن تازا ئۈنۈمىنى كۆرەلمىدۇق.مۇشۇنداق ئىش ئالدىدىن ئۆتكەن قىرىنداشلار بولسا تەكلىپ بەرسەڭلار.دورا ئۇچۇرى.دوختۇرخانا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىسەڭلار تولىمۇ خۇشال بولغان بولاتتىم.قىزىم ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى،تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۆتۈنىمەن.
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار،باغداش مىنىڭ تور دۇنيايىمدىكى تۈنجى ‹‹ئايىغىم چىققان››مۇنبەر،باغداشقا ھۆرمىتىم چوڭقۇر.بۇ ئىسىل ئادەملەر جەم بولغان سورۇن.شۇڭا ھاجىتىمنى سىلەرنىڭ ۋاستەڭلەر ئارقىلىق كۆپچىللىككە سۇنماقچى بولدۇم.ئاۋۋال ئاللاھنىڭ شاپائىتى،ئاندىن مۇنبەردىكى قىرىنداشلارنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى بىلەن قىزىمنى ساقىيىپ قالارمىكى دىگەن ئۈمۈدتە بۇ تىمىنى قايتا يوللىدىم. ئاشۇ بىچارە قىزىمنىڭ دۇدۇقلاپ،ئىغىزىدىن گەپنى چىقىرالمايۋاتقان ھالىتىنى بەلكىم كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرەلەيسىلەر.يۈرۈكىڭلار ھەقىقەتەن ئىچىشىدۇ.ئەلۋەتتە سىلەردە شۇنداق بىر يۈرەك بولسا.
|
|