- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18599
- نادىر
- 1
- يازما
- 850
ئۆسۈش
  21.5%
|
بالىڭىز نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ قالدى سەۋەبىنى بىلەلىدىڭىزمۇ ؟ مەسىلەن تۇيۇقسىز قورقۇپ كەتسىمۇ شۇنداق بولۇپ قالىدۇ ..... بالىڭىزنى ئوبدان كۈزىتىڭ قانداق ۋاقىتلاردا ھەم قانداق سۆزلەرنى قىلغاندا دۇدۇقلىمايدۇ ، بالىنىڭ كەيپىياتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ ، بالىنى دائىم يۈرەكلىك بولۇشقا ، دادىل پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ بېرىڭ . كېكەچلەپ گەپ قىلغاندا بالىنى تىللىماڭ ياكى چىرايىڭىزدا باشقىچە كەمسىتىش ئالامەتلىرى بولمىسۇن ، چوڭلارمۇ جىددىلەشكەندە دۇدۇقلاپ قالىدۇ . شىئېر ياكى بالىلار قوشاقلىرىنى يادلىتىپ دىكىلماتسىيە قىلغۇزۇڭ بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزمۇ بالىڭىز بىلەن تەڭ دىكىلماتسىيە قىلىشىپ بېرىڭ ، بارا - بارا ئۆزى مۇستەقىل دۇدۇقلىماي دىكىلماتسىيە قىلالايدىغان بولىدۇ . ئاندىن ئۆزىڭىز تىببى كىتاپلارنى كۆپرەك كۆرۈپ پايدىلىنىڭ ..... ئاللاھ شىپالىق بېرىپ چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ........ |
|