- تىزىملاتقان
- 2014-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 507
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
  1.4%
|
مەنمۇ ھەقىقى كۆرگەن بۇ بىرخىل قورقۇش پىسخىكىسىدىن كۆرۈلىدىغان بولۇپ بالىغا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈش مۇھىم .مېنىڭ بىر تۇنۇشۇمنىڭ ئىنىسى شۇنداق ئىدى ئۇلار بالىغا ئاددى سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇزدا ئالدىرماي تەكرار تەكرار قايتىلاپ دىگۈزۈش ئارقىلىق بالىدا ئاستا ئاستا ئىشەنىچ تۇرغۇزۇپ كېيىن قوشاق شېئىرلارنى يادلاقۇزۇپ ئاخىرىدا قۇرئان سۆرە ئايەتلەرنى يادلاتقۇزۇپ تىلنىڭ ئەۋرىشىملىقىنى ئاشۇرۇپ ياخشىلاندى .بۇ كىسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق ۋە ئىزچىللىق مۇھىم يەنە بالا بار ئاۋازى بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا مەشىق قىلىش ماس ياشتىكى بالىلار فىلىملىرىدىكى ئاۋازلارنى دوراش ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ راۋانلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە بولىدۇ.بىر كەمسىتىش ئون ئەجىرنى يوققا چىقىرىدۇ شۇڭا كەمسىتىشتىن خالى بولۇش كېرەك.يەنە بۇ خىل ئالامەت بەدەندە ۋېتامىن د كەمچىل بولسىمۇ بولارمىش بۇنى يىمەكلىك ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەت تۇلۇقلىغاندا ئۈنۈم بولىدىكەن .مەنمۇ باشقىلاردىنلا ئاڭلىغان كەسپى خادىم ئەمەس |
|