- تىزىملاتقان
- 2013-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3789
- نادىر
- 0
- يازما
- 464
ئۆسۈش
  59.63%
|
مۇشۇنداق بىر ياخشى تىمىنى يوللىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدارمەن ،ئاناتىلىمىز ھەقىقەتەنمۇ ھازىر بىزنىڭ قوغدىشىمىزغا مۇھتاج بولۇپ قالدى ،بۇ ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى .بىز ئىشنى يەنىلا ئۆزىمىزدىن باشلايلى ،مەسلەن : مەن ئۆزۈمنى مىسال قىلسام 2013 -يىلىدىكى ئاناتىل كۈنىدىن (2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن ) باشلاپ ھەر گەپنى ئويلىنىپ ساپ دېيىشكە ،ئاي نامىنى ئۇيغۇرچە ئاتاشقا باشلىدىم ، باشقىلارغىمۇ ئەبجەش گەپ قىلىشىنىڭ بەك ئېسىل ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ساپ ئاناتىلدا سۆزلەشنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلدىم ،ئىملانىڭ توغرا ،خەتنىڭ چىرايلىق بولىشىنى چىڭ تۇتۇپ كەلدىم ، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئايرىم ئىملا تاپشۇرىقى بېرىپ زىرىكمەي تەكشۈردۈم ، باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلدىم ھەم بۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردۈم ،بەلكىم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن ،ئىملا تاپشۇرۇقى ئىشلەۋاتقانلار تولۇق 3- يىللىقلارنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ،ئەلبەتتە ئىملاسى سۈپەتسىز ھەم كۆرۈمسىزلىرى ئىشلەيدۇ ،كۈندە بىر بەت ئۆلچەملىك خەت كۆچۈرىدۇ ،قالغان يىللىقلاردىمۇ بۇنى قىلىۋاتقانلار بار .
مەكتەپتىكى ھەر خىل جەدىۋەللەر خەنچە ، ھەتتا شەرەپ سەھنىسىدىكى ئۇيغۇرۇمنىڭ نامى -شەرىپىمۇ خەنچە بۇنى ئۇيغۇرچە قىلىش پىكىرىنى قايتا -قايتا بەرگەن بولساممۇ يەككىنىڭ ساداسى بولغاچقا ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىدى ،يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش جەدىۋېلىنى تېخى بۈگۈن چاپلاپتۇ ،پۈتۈن ئىسىم ، جەدىۋەلگە يېزىلغان ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى خەنچە ،تاس قاپتۇ ساننىمۇ خەنچە ئىپادىلىگىلى ،بۇنداق دېسەم مەكتىپىڭلاردا يولداشلار كۆپ ئوخشىمامدۇ ،دەپ قالماڭلار مەكتىپىمىزدا بىرسى بار ئىدى ،ھازىر ئۇمۇ يۆتكەلدى ،ساپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان مەكتەپ بولمىسا . مەن دەيمەن قاچانمۇ بىزگە ئارسلانلار باش بولار ؟!... |
|