- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1255
- نادىر
- 0
- يازما
- 112
ئۆسۈش
  25.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erkal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-5 16:48
qaribag يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 15:27 
مىنىڭچە ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەشۋىقات خاتىرلە ...
مەن ئىشلەيدىغان ئىدارىدە ھەرقانداق چوڭ-كىچىك يىغىننىڭ قاشقىسىنى ئۈستىگە ئۇيغۇرچە، ئاستىغا خەنزۇچە قىلىپ ئاسىدۇ، بۇ قاشقىنى مەن تەرجىمە قىلىمەن ۋە ئىملاسىنى ئۆزۈم تەكشۈرۈمەن، ئاندىن ئېكرانغا چىقىرىمىز ياكى رەختكە يازدۇرۇپ ئاسىمىز، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىدارىمىز ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتىدە تىلىمىزغا ئەھمىيەت بېرىدۇ! مۇشۇ مۇنبەردە شۇنداق يازغىنىم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئىدارىمىزدە دۆلەت مەمۇرلىرىدىن تۈرلۈك ئىمتىھانلار ئېلىنغاندا، مەن ئانا تىلدا بېرىدىغانلىقىمنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇمەن، سوئالنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىدارىمىزنىڭ مەسئۇل تارمىقى شۇ ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارمىقىغا ئالدىن خەۋەر قىلىپ ئالدۇرۇپ كېلىدۇ، ناۋادا ئۇيغۇرچىسى بولمىسا ئىمتىھاننى بەرمەيدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ قويۇمەن ۋە بەرمەيمەن، مېنى ھازىرغىچە «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرمىدىڭ» دەپ خىزمەتتتىن ھەيدەشمىدى ھەم ئېتىباردىن ساقتمۇ قىلمىدى، ئەكسىچە ماڭا تېگىشلىك مەمۇرىي دەرىجە ___ ھاكىم دەرىجىلىك ئەمەل بولمىش باشقارما باشلىقلىقىنى بەردى. بىزنىڭ پارتىيەدىن، ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق، بەلكى گەپ ئۆزىمىزدە! ئانا تىلنى قەدىرلەشكە ئۆزىمىز ئەھمىيەت بەرسەك ئۆزىمىزنىڭمۇ قەدرى بولىدۇ! |
|