- تىزىملاتقان
- 2013-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 539
- نادىر
- 0
- يازما
- 47
ئۆسۈش
  7.8%
|
xjmidi يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 20:19 
تولىمۇ ياخشى تەكلىپ ئىكەن . مەنمۇ نىمىشكە ھازىرغىچە ئا ...
چۈنكى مايۈننىڭ گىپى بىلەن دىگەندە 支付宝ھازىرغىچە ئۆزئالدىغا پايدا ياراتمىدى بەلكى زىيىنىغا ماڭدى،لىكىن بۇنىڭدىن ۋاز كىچىلسە تاۋباۋ،ئالى بابا، تىئەنماۋلارنىڭ ھەممىسى يىقىلىدۇ،شۇڭا ۋاز كىچەلمەيدۇ،ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ.بۇ پايدا ياراتمايدىغان نەرسىنى باشقىلارغا ئىشلىتىشكە بەرسە بولمايدۇ دە،شۇڭا پايدا ئىلىش كىرەك.بۇنى قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ 支付宝担保交易دەيدىغان مۇلازىمىتى بار،بۇنى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرمۇ ئىشلەتسە بولىدۇ،ئۇلارمۇ قەستەن بىۋاستە مۇلازىمەت تەمىنلىمىگىنى يوق،بىۋاستى مۇئامىلە قىلىسا مۇلازىمىتىنى ئۇيغۇرچە تەمىنلىنىشى كىرەك،لىكىن ئەسلىدىلا زىيىنىغا مىڭىۋاتقان 支付宝يەنە چىقىم قىلىپ بۇنى قىلغىسى يوق.لىكىن 支付宝担保交易بولسا مۇشۇ مۇلازىمەتنى قوللانغان شەخىس جاۋابكارلىق ئۆز تور بىتىگە ئائىت مۇلازىمەتكە ئۆزى مەسئۇل،支付宝بولسا پەقەت شۇ بىر 支付宝担保交易مۇلازىمىتىنى ئاچقان شەخىسكە مۇلازىمەت تەمىنلەشكە مەسئۇل،بۇ شەخىسنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى تور سودا تورىدىكى ئابۇنىتلارغا بولسا بۇ تور بەتلەردىكى مۇئامىلىگە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.دىمەك ھەر بىر 支付宝担保交易نى ئاچتۇرغان شەخىس بىر دانە مىكرو تىپتىكى 支付宝 شىركىتى.
بىزدىمۇ مۇشۇ مۇلازىمەتنى قوللانغان،支付宝نى ئىشلىتىپ پۇل تاپشۇرۇلىدىغان ئۇيغۇرچە تور سودىسى بەتلىرى بار.مەسىلەن http://www.xjtawar.com/ شۇ بىر مۇشۇ 支付宝غا پۇل تاپشۇرۇشتا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرچە تور بانكا مۇلازىمىتى بار بانكا يوق.شەخىسلەرنىڭ 支付宝دەك شىركەتلەرنى قۇرۇش ھوقۇقى بار،لىكىن بانكا قۇرۇش ھوقۇقى يوق،ئۇيغۇرلاردىمۇ 支付宝دەك پۇل تاپشۇرۇش سۇپىسى ئاللىبۇرۇن بارلىققا كەلگەن،چۈنكى بۇنى شەخىسلەر ئۆزلىرى قىلالايدۇ.لىكىن بانكىنى شەخىسلەر قىلالمايدۇ،چۈنكى قانۇندا يول قويۇلمىغان.شۇڭا بىزدىكى ئەڭ كەم نەرسە ئۇيغۇرچە تور بانكامۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بانكا.
شۇڭا بۇ پىكىرنى بىرىپ ئولتۇرۇپتىمىز. |
|