- تىزىملاتقان
- 2013-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 539
- نادىر
- 0
- يازما
- 47
ئۆسۈش
  7.8%
|
چىقىم سۇپىسى قۇرۇش تەس گەپ ئەمەس، گەپ تەرەققى قىلدۇرۇشتا. قانداق قىلسا تەرەققى قىلغان بولىدۇ؟ 1- ئىشلەتكۇچىسى جېق بولسا، 2- سودا سوممىسى كوپ بولسا.
3-تەرەپ چىقىم كەسپى دولىتىمىزدە تاكى ئوتكەن يىلى 2010-يىلى 6- ئايغىچە باشقۇرۇلمىغان ھەم ئىنكار قىلىنمىغان كەسىپ ئىدى. 2010-يىلى 6-ئايدا خەلق بانكىسى «3-تەرەپ چىقىم كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى ئىلان قىلىپ، بۇ كەسپنىڭ باشقۇرغۇچىسى يوق بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. 3-تەرەپ چىقىم كەسپ ئىجازەتنامىسىگە 1- تۇركۈمدە 260 شىركەت ( كارخانا ) ئىلتىماس قىلىدى. تا بۇگۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى گىچە بىرمۇ ئىجازەتنامە تارقىتىلمىدى.
«3-تەرەپ چىقىم كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى» دە مۇنداق بەلگۇلىنىپتۇ:
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىلىدۇ.
كەسىپ دائىرىسى:
1. توردا چىقىم قىلىش
2.ئالدىنئالا چىقىم قىلىنغان كارتا تارقىتىش ۋە قۇبۇل قىلىش
3.بانكا كارتىسى چىقىم تالونى قۇبۇل قىلىش
4.خەلق بانكىسى بىكىتكەن باشقا چىقىم مۇلازىمىتى
خەنزۇچىسى:- (一)网络支付;
- (二)预付卡的发行与受理;
- (三)银行卡收单;
- (四)中国人民银行确定的其他支付服务。
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش مەبلەغ ئولچىمى جەھەتتە :دولەتلىك 100 مىليون يۇەن، ئولكىلىك 30 مىليون يۇەن( كاپىتال‹نەخ پۇل› مەبلەغ).
ئىجازەتنامىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى: 5 يىل
ئىجازەتنامىنى ئوتۇنۇپ بىرىشكە، ئىجارە بىرىشكە، ئارىيەت بىرىشكە بولمايدۇ.
«3-تەرەپ چىقىم كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى 3-تەرەپ چىقىم شىركەتلىرى بىلەن چەكلەنمەيدۇ.
------------------------
ئەمدى 3-تەرەپ چىقىم قىلىش كەسپىنىڭ باشقۇرۇش قائىدىسى يەنى ئويۇن قائىدىسى بار بولدى. ئەمدى گەپ بۇ ئويۇننى قانداق ئويناشتا قالدى.
بۇ ئىنكاس بىلىكتىكى Uginix دىگەن تورداشنىڭ 2011-يىلىدىكى يازمىسى. |
|