- تىزىملاتقان
- 2012-6-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4175
- نادىر
- 0
- يازما
- 202
ئۆسۈش
  72.5%
|
قۇرۇلغۇسى شىنجاڭ بانىكىسىغا ئارتۇق تەكلىۋىم يوق، پەقەت ھەر بىر ناھىيە، بولسا يېزا-بازارلارغىچە كېڭەيتىلسە ھەم شۇ بانكا قۇرۇلغان جايدىكى نۇپۇس قۇرۇلمىسى بۇيچە خىزمەتچى ئىشلەتسە دىگەن تەكلىۋىم بار،
ئەڭ ئاددىسى يېزا-بازارلاردىكى ئامانەت قەرىز كوپراتى بانكىسىدىن قەرىز ئېلىش، ئىش بىجىرىش ئۈچۈن تۇرۇپ كەتكەن دىھقانلارنىڭ %99تى ئۇيغۇرلار، بانكا خىزمەتچىلىرىنىڭ %95تى خەنسولار. يا تىل ئۇقۇشمايدۇ، كارتا ئىچىدە نەچچە پۇلى بارلىقى، قاچان پۇل ئۇرۇلغانلىقى، ئۇرۇق تۇلۇقلىما پۇلىمۇ، ياشانغاندا بېقىنىش سۇغۇرتا پۇلىمۇ، پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلىمۇ ۋە ياكى ئورمان ياردەم پۇلىمۇ ھىچ نىمىنى بىلمەي يا ئۇلارنى باشقا ئىش قىلغىلى قويمايدۇ يا ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن رازى بولمايدۇ، نەچچە قېتىم ئۇلار ئوتتۇرىسدا خالىسانە تەرجىمانلىق قىلىپمۇ كەتكەن يەرلىرىم بار، بۇنچە قىينالغۇچە بىر قانچە مىللى خىزمەتچى قۇبۇل قىلسا نىمە بولار دەيمەن. |
|