- تىزىملاتقان
- 2013-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2906
- نادىر
- 0
- يازما
- 341
ئۆسۈش
  30.2%
|
tugluq يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 22:25 
راس مەسىلىنىڭ نىگىزى چىرىكلىك ئەمەس پارتىيىنىڭ ئۆرۇپ ...
سىز باشلىقنىڭ ئاتالمىش ‹‹مۇراسىمىغا›› بىرىپ باقسىڭىز ئاندىن بىلىسىز ئىشنىڭ ماھىتىنى قىرىندىشىم سۈننەت توينى ئەلۋەتتە قىلىش كىرەك ئەمما يولى بىلەن قىلىشى كىرەك .باشلىقلار قىلىۋاتقان ‹‹مۇراسىم››دا تۆۋەندىكىدەك مەسلە ئىغىر سادىر بولماقتا.
1.باشلىقلار ئۆزى تونۇمايدىغان ھەتتا كۆرۈپمۇ باقمىغان ئادەمگە ئىتى ئۇلۇغ سۇپۇرسى قۇرۇق ‹‹تەكلىپنامە››لەرنى بىرىپ سورۇنغا چاقىردىكەن ھەتتا بارغاققا (ھۆرمەت بىلەن پالان ئىدارىنىڭ پوكۇن باشلىقى)دىگەن خەتلەرنى كۆرۈنەرلىك باسىدىكەن.
2.خىزمەتچىلەردىن مەجبۇرى ھالدا پۇل يىغىدىكەن.پاش قىلسا بولمامدۇ دەمسىز؟ ياق ئىش سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس .ئىشچى خىزمەتچىلەر ئۇلارنى پاش قىلسا باشلىقى ئۇلارغا قالپاق كەيدۈرۈپ توختىماي زەربە بىرىپ ئىلىگۈسىز قىلىۋىتىدۇ.
3.جۇڭگۇ باشلىقلىرى سورۇنىنىڭ99% ھاراق شاراپسىز بولمايدۇ .ھاراق شاراپ قىز چوكانلار بىلەن ھەقىقى مەنىدىكى سۈننەت ياكى ئىسلامى توينى ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ.تەبلىغ دىگەندىنغۇ سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس قىرىنداشلا بۇ ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق.
توغرا ھۆكۈمىتىمىز بىزنىڭ نۇرغۇن ئەنئەنلىرمىزنى چەكلىمەكتە لىكىن پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرگىزمۇ ئەنئەنىنى چەكلەش ئەمەس.يۇقىرقى ئەنئەنىمىزنى دەستەك قىلىش پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ نادان ئاممىنى ئالدايدىغان سۆز ئويۇنى خالاس.ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىسىگە كەلسەك بۇنى بۇيەردە دىيىشتىن باش تارىتتىم چۈنكى بۇ ناھايتى زىل مەسلە باغداش تورىنىمۇ ئويلاپ قويۇش كىرەك .ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭغىمۇ چوقۇم ئامال چىقىدۇ.
قىسقىسى پارىخورلۇق بىلەن مىللى ئەنئەنە ئىككىسى ئىككى مەسلە پارىخورلار ئاممىنىڭ ھىسىياتىدىن پايدىلنىپ ئۆزىگە ‹‹يول››ھازىرلىماقچى بىز چوقۇم ئۇنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئوينىماي ئۇلارغا قەتتى قارشى تۇرشىمىز كىرەك.ئويلاپ باقسام ھازىرقى پارىخورلار ‹‹مىڭ بىر كىچە››كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن گەپدان دەللاردىنمۇ يامانكەن جىمۇ |
|