- تىزىملاتقان
- 2013-6-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 108
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
  36%
|
بۇ پۇخراغا چىقىرىلغان سىياسەت ئەمەس . پەقەت ھۆكىمەت ئەمەلدارلىرىغا چىقارغان پارىخورلۇقىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەدبىرى .
2011-يىلى مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى ئوغلىنىڭ تويىغا قاتنىشىپ بىرىشكە ئىدارىغا قاراشلىق بارلىق ئورۇندىكى 10000دىن ئارتۇق ئادەمگە تەكلىپنامە ئىۋەتىپ كاتتا توي قىلىپ بەردى . قانداق كۈتۈپ بولغاندۇ دەپ ھەيران قالغانسىز بەلكىم . چاقىرلغانلار مىھمان بولۇشقا ئەمەس مىھمان كۈتۈشكە چاقىرىلغان . يۇقۇردىن تەكشۈرۈشكە كىلىپ سەن توي باھانىسى بىلەن مال مۈلۈك جۇغلاپسەن ، قول ئاستىڭدىكىلەرگە بىسىم قىپسەن دىسە ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ ئادىتى . ئۇلار مىنىڭ خىزمەتداشلىرىم بولغاچقا ھۆرمىتىنى قىلىپ تويغا چاقىردىم . ئاز-تولا كۆڭۈل بۈلدۈرسە قوبۇل قىلدىم . ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ توي -تۆكۈنلىرىگە مىنى چاقىرسا مەنمۇ بارىمەن ھەم بىرىپ كىلىۋاتقانمەن . كىم قىلغان ئادىمىگەرچىلىكىدىن نارازى بولغان بولسا مەن ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بىرىمەن دەپ ئۆزىنى ئاقلاپ قالغان ئىدى . يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ئۆزىنى ئاقلاۋەرسە توختۇر ئەپەندىم سىزنىڭچە ياخشى بولارمۇ ؟
مىنڭچە سىز تىلغا ئالغان ئۇ كىشى ھۆكىمەتنىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇتۇش دولقۇنىغا دۇچ كىلىپ قاپتۇ . سىياسى سەزگۈرلىكى بولمىسا زىيان تارتىپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ . |
|