- تىزىملاتقان
- 2012-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1241
- نادىر
- 0
- يازما
- 58
ئۆسۈش
  24.1%
|
tohotur يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 15:56 
تور ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز پىكرىنى بايان قىلدىغان ئەركىن ...
مىنىڭچە نورۇز ئۇ بىر دۇنياۋى مىللىي بايرام، ئۇنى شۇ (ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)مىللەتلەر ئۆز ئەن - ئەنىسى بۇيىچە ئۆتكۈزۈش لازىم. ئەمىلىيەتتە ئۇ خەلقارادا ئېتىراپ قىلىنغان دۇنياۋىي بايرام دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ بولدى.
مەۋلۇت كۈنىنى خاتىرىلەش بىلەن سۈننەت(خەتنە قىلىش)قىلىش ئىسلام دىنىدىنكەلگەن، ئۇنى چۇقۇم ئىسلامىي تەلەپ- قائىدە بۇيىچە قىلىش لازىم. مۇمكىن بولسا سىز ئىسلامنىڭ بۇ ئىككى ئىشقا تۇتۇدىغان پوزىتسىيىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز.
نوۋەتتە ئەمەلدارلارنىڭ توي- مەرىكە، نەزىر- چىراقتىن پايدىلىنىپ مال- دۇنيا يېغىۋېلىشى(بۇنداق سورۇندىكى بۇزۇپ- چېچىش، ئىسراپچىلىقنى دىمەي تۇرايلى) بىر چوڭ ئىجتىمائى مەسىلە بۇلۇپ قالدى. شۇڭا بۇ خىل ئىللەتنى توسۇش لازىم. «ئەل يۇرتقا داستىخان سېلىش» دىگەن بۇ چىرايلىق سۆزنىڭ كەينىدە قانداق ئويۇن ئوينىلىدىغانلىقىغا قاراش لازىم.
سىز تىمىڭىزدا دىگەندەك شۇ 53 ئۈستەللىك مىھماننىڭ ھەممىسى شۇ ئەمەلدارنىڭ تۇغقانلىرىمۇ؟ ئۇلارغا ئون يېرىم سائەت «داستىخان سېلىپ چاي بىرىش»نى قايسى ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن دىيالايمىز؟ «سۈننەت توي» دىگەن گەپتىنلا بۇ ئىشنىڭ ئىسلام دىنىغا تەۋە ئىش ئىكەنلىكى مەلۇم، ئۇنداقتا، شۇ ئون يېرىم سائەتتە بۇ سورۇندا قانداق «چاي»لار ئىچىلدى؟ بۇ ئىشلار شەرىئەتكە قانچىلىك ئۇيغۇن؟
|
|