- تىزىملاتقان
- 2012-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 574
- نادىر
- 0
- يازما
- 23
ئۆسۈش
  14.8%
|

10يىل ئىلگىرى بىر ئاشخانا ئاچقانتىم . شۇ جاينىڭ ئەھۋالى بىلەن ناتونۇش بولغاچقا ، دۇكان ئالدىغا بىر تاختاي قويۇپ ، بوردا يازغان ئاشپەز-كۈتكۈچى تەكلىپ قىلىش ئېلانىنى چىقاردىم . ئۈچ كۈن ئۆتۈپلا جىقلا ئادەم ئىشلەيمەن دەپ كەلدى. نىمە بولدىكىن دىسەم، يولدىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار مەن چىقارغان ئىش ھەققىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتىۋىتىپتۇ . نۇرغۇن خاپىچىلىق تېپىۋالدىم .ئاخىرى كىشلەرنىڭ يالغانچى دىيىشىدىن قورقۇپ ، بوپتۇلا بىر ئاي چىداي دەپ، شۇ سۆلەتلىك ئاشپەز كۈتكۈچىلەرنى شۇ كىچىك ئاشخانامدا ئىشلىتىپ قالدىم . بۇلارنى باشقۇرۇشتىن ئەيمىنىپ، بىر ئېغىز گەپ قوشالماي كاسىرلىق قىلىپلا ئولتۇردۇم. ئۆزەممۇ ئالىي مەكتەپنى ئەمدى پۈتتۈرگەن ، كەسىپ بىلمەيتىم . شۇلار ماڭا ئىش ئۈگۈتۈپ ، دۇكاننى يۈرۈشتۈردۇق . خېرىدار تىزلا ئاۋۇپ كەتتى ، ھەر ئايدا ئۈچ - تۆت ئادەمنىڭ ئىش ھەققىچىلىك ساپ پايدا ئېلىۋاتىمەن ..... ھەي ! ئاجايىپ چاغلىرىم ئېدى . مانا ھازىر 8 يىلدىن بېرى ئىشخانىدىكى مەمۇرلۇق تۇرمۇشقا مەھكۇم بۇلۇپ ، بەكلا قورقۇنچاق بۇلۇپ كېتىپتىمەن.......
ئىستىقبالدىكى شىركەتلەر ھەقىقەتەن خادىم قوبۇل قىلغىلى ، تەشۋىقات قىلغىلى كەلگەندەكلا بىلىنۋاتىدۇ . ئاۋۋال تۆۋەن مۇئاش ، ئاندىن ئۆستۈرىمىز دىگەنگە ئىختىساسلىقلار ماقۇل كۆرمەيدۇ . ئىختىساسلىقلار دىگەن خۇددى شاھماتتىكى فەرزىنگە ئوخشاش دەرھال كۈچلۈك كارغا كېلىدۇ . ئېھتىمال، ئىستىقبالدىكى شىركەتلەر فەرزىنگە ئايلىنىدىغان پىچكا ئىزدەپ يۈردىمىكىن ؟ |
|