- تىزىملاتقان
- 2013-11-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 494
- نادىر
- 1
- يازما
- 21
ئۆسۈش
  97%
|

mubaraxkah يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 18:27 
ئىستىقبال سەھنىسىنى كۆرۈپ ئۇيغۇر كارخانچىلىرىمىزنىمۇ ...
باشتىكى سۆزلىرىڭىزگە قوشىلىمەن . ئەمدى كىيىنكى سۆزلىرىڭىزگە كەلسەك ، خەلىق ، يەنى ئۇيغۇر خەلقى شۇ سىلەرنىڭ ئىچىملىك شىركىتى ۋە باشقا ئۇيغۇر مىللىي كارخانىلىرىنى قوللاۋاتامدۇ يوق ؟ ئابىدە ، ئارمانلارنىڭ ۋە سىزلەرنىڭ شىركىتىڭىزلارنىڭ ئىچىملىك ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىچىۋاتقان ، دەملەپ ئىچىۋاتقان ئۇيغۇردىن باشقا بىرەر كىشىنى كۆردىڭىزمۇ ؟ خەلىقنىڭ شۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشى مۇشۇ مىللىي كارخانىلارنى قوللاش ئۈچۈن بولماي نىمە ؟ مىراسنىڭ كىيمىنى كەيمەي باشقا خەن شىركەتلىرىنىكىنى ئېلىپ كىيسە ئوخشاش سۈپەتتىمۇ ئەرزان بولشى تامامەن مۇمكىنغۇ ، خەلىقىمىز نىمىشقا ناۋبەيجىن ئېلىپ ئىچمەي ساداقەت قۇۋۋەت ئىچىملىكىنى ئىچىدۇ ؟ مۇشۇ قوللاش بولماي نىمە ؟
مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغىنىم ئۈچۈن خەلىق مىنى قارغىسا ، مەيلى ، مەن بۇنداق قارغىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن . خەلىق قوللاپ بۈگۈننى ياراتقان شىركەتنى يەنە شۇ خەلىق جايىغا چۈشۈرۈپمۇ قويالايدۇ ، شۇڭا سىز خەلىقنى ئاز تىلغا ئېلىڭ ، مىللىي كارخانىلارنىڭ خەلقىمىزگە قەرزى بولسا باركى ، خەلقتىن ئاغرىنىدىغان يىرى يوق ، چۈنكى خەلقىمىز پەقەت مىللىي كارخانا بولغىنى ئۈچۈنلا يەنە ئۇلارنى قوللايدۇ ،ھەم قوللاپ كىلىۋاتىدۇ ، ئۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن شۇنىڭ جاۋابىنى بەرسە بۇنىڭ ئوشۇق كىتىدىغان يىرى يوق . شۇڭا سىز زىيادە سىزىمچانلىقىڭىزنى بېسىۋېلىپ ئىچىملىك شىركىتىڭىزلار ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭ ! |
|