بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-2 21:43
29-تىئورمىنىڭ تەجىربە ئاساسلىرى
قاسىم سىدىق
1
مانا بۇ 29-تىئورمىنىڭ تەجىربە ئاساسلىرىنىڭ بىرى.دېسكىدا يەرشارىنىڭ ئېغىرلىق كۈچ يۆنىلىشى دەپ ئاتىلىدىغان يۆنىلىشكە قارشى بىر ئېغىش كۈچى شەكىللىنىۋاتىدۇ.بۇ كۈچنىڭ يۆنىلىشى 29-تىئۇرمىچە ئېغىش يۆنىلىشى بىلەن بىردەك.شۇ سەۋەپتىن بۇ دېسكا تۇۋەنگە چۈشۈپ كەتمەيۋاتىدۇ.
2
قاسىم سىدىق:29-تىئورما ماياتنىك تەجىربىسى
مانا ماۋۇ تېمىدا 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ يەنە بىر تەجىربە ئاساسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بۇ ماياتنىك ھازىرمۇ شىنجاڭ ئونېۋېرىستېتىدىكى بىر تەجىربىخانىدا ئېسىغلىق تۇرىۋاتىدۇ.مۇتەخەسىسلەر ھازىرغىچە بۇنداق ئېغىشقا بىرەر كىلاسسىك سەۋەپ تاپالمايۋاتىدۇ.ھازىر مەن غۇلجىدا،ئۈرۈمچىگە بارغاندا بۇ ماياتنىك تەجىربىسىنى فىلىمغا ئېلىپ تورغا يوللاپ قويۇمەن!.
ئەسكەرتىش:
بۇ خىل ئېغىش بىلەن ھاۋانىڭ، بىرنوللى قانۇنى ۋە ماگنوس ئىففىكىتىلىرىنىڭ ئەسلا مۇناسىۋىتى يوق.چۈنكى ماتورنىڭ سىرىتقى قېپى پىقىرىمايدۇ.
كۇرۆنۈپ تۇرۇپتىكى، تېمىدا قىلىنغان ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئالاقىدارتالاش- تارتىشلار بۇ ماياتنىك تەجىربىسىگە نىسبەتەن ئەھمىيەتسىز.
3
قاسىم سىدىق:ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش
مانا بۇ تېمىدا بانان توپلارغا ھازىرغىچە بىرنوللى قانۇنىنىڭ خاتا تەدبىقلانغانلىغى،بۇ توپلار تىپىك 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىگى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.ھازىرمۇ تەشەببۇسۇم شۇ!.بۇ يەردە ئارتۇق مۇنازىرىگە ھاجەت يوق،پەقەت بۇنداق توپلارنىڭ ئېغىۋاتقان تەرەپتىكى سىزىقلىق تېزلىكنىڭ ھەقىقەتەن تۆۋەن بولىدىغانلىغىنى ،بۇنىڭغا سەۋەپ بولىۋاتقىنى بۇ تەرەپتىكى يېرىم شارنىڭ توپنىڭ ئىلگىرلەش يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىدىغانلىغىدىن ئىكەنلىگىنى كۇرۇپ يەتسەكلا كۇپايە.
4
مانا بۇ سۆيۆقلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان 29-تىئورما تەجىربىسى.شارچىنىڭ ھالىتى 29-تىئورمىنى قوللاۋاتىدۇ.
(يەنە بار)
|