2013-يىلى 11-ئاينىڭ 29-30-كۈنى ئۈرۈمچى خەلق تىياتىرخانىسىدا قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى نەچچە يىل جاپالىق تىرىشىپ تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئالتە پەردىلىك دىرامما <چىن مودەن > تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى . دىرامما باشتىن -ئاخىرى يوقىرى كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى . . 28 يىلدىن كېيىن قايتا سەھنىلەشتۈرۈلگەن <چىن مودەن > دىراممىسى تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى . چىن مودەن دىراممىسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى .لېكىن چىن مودەن توغرىسىدىكى ھېكايىلەر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ . |
< چىن مودەن> دىراممىسى ھەققىدىكى باغداش تور بېكىتىنىڭ مەخسوس زىيارەت فىلىمى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى كېچىكىپ يوللاندى ، تورداشلارنىڭ فىلىمنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىنى تەكلىپ -پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز ، بەلكىم تورداشلارنىڭ قىزغىن تەكلىپ -پىكىرلىرى <چىن مودەن >دراممىسىنىڭ تەكلىماكاننىڭ جەنۇپ -شىمالىدا ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن !
چىن مودەن دىراممىسىدىن سۈرەتلەر
سۈرەتلەرنى باغداش تورىنىڭ تەكلىپلىك فوتوگرافى مەممەتئېلى ئەكبەر تارتقان .
سۈرەتلەر ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ
|