- تىزىملاتقان
- 2011-11-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5766
- نادىر
- 0
- يازما
- 332
ئۆسۈش
  15.32%
|
خوشاللىق دېگەن مانا دەيمەندە! قۇمۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى بارلىق خادىملارغا سالاملار بولسۇن! ھەقىقەتەن خەلق كۆڭلىگە ياققۇدەك نادىر ئەسەر ئىكەن، سەۋىيىلىك ئورۇندىلىپتۇ. بەلكىم كېيىنچە باغداشتا تولۇق نۇسخىلىق سىن فىلىمىنى كۆرۈشكە نېسىپ بولۇپ قالار.
مەن كىچىك چاغلىرىمدا بۇ دراممىنى بىر قېتىم كۆرگەنتىم، ئاكاملار بىلەن خېلى كۈنگىچە شۇ درامما ۋەقەلىكى ھەققىدە پاراڭلاشقانتۇق( گەرچە كىچىكلىك سەۋەبىدىن كۆپ چۈشەنمىسەممۇ.) گەرچە ۋەقەلىكى ئېسىمدە بولمىسىمۇ، شۇ چاغدىكى ناخشىنى ھازىرغىچە ئېيتىپ تۇرىمەن.( بەلكىم شۇ دراممىدا ئېيتقانمىكىن دەيمەن.)
چىن مودەن
ۋاپانى ئىزلىگەن يارىم،
ھالاۋەت كۆرمىگەن يارىم.
ياشلىق گۈل باھارىنى،
قۇربان ئەيلىگەن يارىم.
ئوتۇنچى قادىر ئوغلىمەن،
چىن مودەننىڭ يارىمەن.
رازى بولغىن جان ئاتا،
غېرىپ ئۆسكەن ئوغلۇڭمەن،
رازى بولغىن جان ئانا،
غېرىپ ئۆسكەن نادىرمەن.
قۇمۇل دەريا بويىدا،
ئېيتقان ناخشىمىز قالدى.
چىن مودەن گۈزەل يارىم،
يۈرەكتە دەردىمىز قالدى،
چىن مودەن گۈزەل يارىم،
ئۆچمەس نامىمىز قالدى.
( بۇ دراممىدا ئوغۇلنى ‹مەردان› دەپتۇ، بەلكىم مەن شۇ چاغدا ‹نادىر› دەپ خاتا ئاڭلىۋالغان ئوخشايمەن.) |
|